بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • لى گاڭ خوشۇت ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

لى گاڭ خوشۇت ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ

يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقايلى

    ئۆز خەۋىرىمىز: 11 -ئاينىڭ 25 -كۈنى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ خوشۇت ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بايىنغولىن زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئۇششاقتال يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە لى گاڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ تەسىراتىنى ئاڭلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىر ۋە ئاممىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. لى گاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، پۇختا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى پارتىيە 19  – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك

    لى گاڭ جىگدەقۇدۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كېلىپ كەنت كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن سەمىمى ھال سورىدى. لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىش كېرەك،  1 – شۇجى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەر قايسى كۈچلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ  ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زاپاس خادىملارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن كېيىنكى مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش كېرەك.

لى گاڭ خوشۇت ناھىيەسىنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا كېلىپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، پاسكىنا سۇنىڭ سۈپىتى، قويۇپ بېرىش تەلىپى ۋە چىققان سۇنىڭ سۈپىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلغار تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى كېڭەيتىپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا، بۇلغىمىلارنى داۋاملىق ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك، يۇقىرى بېسىملىق سىم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى بولغان يېڭى ۋەزىيىتىنى  تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

    لى گاڭ يەنە ئايرىم – ئايرىم ھالدا كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى، شەھەر يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسى، ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ 1مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى