بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • نەيىم ياسىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

نەيىم ياسىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

   مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن 11- ئاينىڭ 222- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر دەرىجىلىك مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا، 2020- يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    نەيىم ياسىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جۈجيا خاۋتىڭ خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ۋە توخۇلا يېزىسىنىڭ قۇرۇل كەنتىگە بېرىپ، ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى يوقلىدى، نامرات ئائىلىلەردىن ھال سورىدى ھەم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

    سۆھبەت جەريانىدا نەيىم ياسىن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان قۇرۇلتاي، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن قۇرۇلتاي. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا نامرات كەنتلەر، نامرات ئاممىغا ھەقىقىي مايىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي يۆلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، بىرلىكتە كۈچەيدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاكتىپلىقى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشى كېرەك.

    نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى داۋاملىق كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قاتتىق مەسئۇلىيەت، قاتتىق ئىنتىزام، پۇختا ئىستىل بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئەسقەر تۇرسۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

(مەنبە ئۇلانمىسى:http://uyghur.xjdaily.com/47/47098.html )

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى