بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شى جىنپىڭ ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى ئۇلان مۇچىر ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «ئاتلىق قىزىل ئەدەبىيات- سەنئەتچى» بولۇڭلار

شى جىنپىڭ ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى

ئۇلان مۇچىر ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «ئاتلىق قىزىل ئەدەبىيات- سەنئەتچى» بولۇڭلار

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21- نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 211- كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، كەڭ تارقىلىدىغان، ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تىرىشىپ ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

    شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭلاردىن ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، كەسپىڭلارغا بولغان قىزغىنلىقىڭلارنى، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىڭلارنى ھېس قىلدىم.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلان مۇچىر ئەترىتى مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت سېپىدىكى بىر بايراق، تۇنجى ئۇلان مۇچىر سىلەرنىڭ يۇرتتا بارلىققا كەلگەن. 60 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد ئۇلان مۇچىر ئەزالىرى قار- شىۋىرغاندىن قورقماي، قەھرىتان سوغۇققا، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، ئۇزاق مەزگىل چۆل- جەزىرە، يايلاقتا جاپا- مۇشەققەتلىك يول يۈرۈپ، ئاسماننى پەردە، يەرنى سەھنە قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ۋە مەدەنىيەت تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گۈللەپ راۋاجلىنىشى خەلقنىڭ سەنئەتكە موھتاجلىقى، سەنئەتنىڭمۇ خەلققە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يېڭى دەۋردە سىلەرنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەدەبىيات- سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، كەڭ تارقىلىدىغان، ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «ئاتلىق قىزىل ئەدەبىيات- سەنئەتچى» بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئۇلان مۇچىرنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «قىزىل بىخ» بولۇپ، كېيىنچە «ئاتلىق قىزىل ئەدەبىيات- سەنئەتچى» دېگەن كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان، بۇ ئەترەت يايلاقتىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت خىزمەت ئەترىتى بولۇپ، «ئويۇن قويۇش، تەشۋىق قىلىش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق فۇنكسىيەگە ئىگە، ئۇلار دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1957- يىلى سۇنىد ئوڭ خوشۇنى ئىچكى موڭغۇلدىكى تۇنجى ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنى قۇردى. ھازىر ئىچكى موڭغۇل يايلىقىدا ئۇلان مۇچىر ئەترىتىدىن 75ى بار، ئۇلار يىلدا 7000 مەيداندىن كۆپرەك ئويۇن قويىدۇ. يېقىندا سۇنىد ئوڭ خوشۇنى ئۇلان مۇچىر ئەترىتىدىكى 16 ئەزا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

(مەنبەئۇلانمىسى:http://uyghur.xjdaily.com/47/47031.html)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى