بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • لى پېڭشىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، مۇقىملىقنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلاملارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى پېڭشىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، مۇقىملىقنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئاساسىي قاتلاملارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 11- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، مۇقىملىقنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    لى پېڭشىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «توققۇزغا كىرگۈزۈش»نى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئاممىغا قارىتىلغان تەشۋىقاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئون يېڭى ۋەزىيەت»نى جاسارەت بىلەن يارىتىش تەلىپى ئاساسىدا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمدە گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، مۇقىملىقنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي بۇرچنى كۈچەيتىپ، باشتىن- ئاخىر ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشنى، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە تۈپتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات ناھىيە، يېزىلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامرات كەنتلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «يۇمشاق» بولۇشنى تۈزەش ئارقىلىق نامراتلىقنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ياخشىلىرىنى تاللاپ بىرىنچى شۇجىلىققا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋە كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىسىلىقىغا سەپلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئەقلىي ۋە ئىرادە جەھەتتە يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك. شەھەر ئاساسىي قاتلىمى ۋە گۈللىنىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى، كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئىقتىدارىنى، مەھەللىلەرنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق قۇرۇلۇشىنى، كوچىلارنىڭ «چوڭ خىزمەت كومىتېتى»، مەھەللىلەرنىڭ «چوڭ پارتكوم» تۈزۈمىنى كۈچەيتىش، زامانىۋى تور ئۇچۇر تېخنىكىسىنى كەڭ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلىشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، شۇجى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئاساسىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان «تۆت ئىش» نى كۈچەيتىپ، گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تەكشۈرۈش- باھالاشنى چىڭىتىپ، تەشۋىقات ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا زىچ تايىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

    يىغىنغا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نىجات سۇلتان، جەرۇللا ھېسامىدىن، ۋەن خەيچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ قاتناشتى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى