بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى 26- قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى 26- قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

    مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر 11- ئاينىڭ 144- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2017- يىلىدىكى 26- قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىر قانچە بەلگىلىمە» ۋە «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» دېيىلىدۇ)نى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. 11- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزگەن «بىر قانچە بەلگىلىمە» ۋە « يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېنىق يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزگە غايەت زور ئىلھام بەردى، تۈرتكە بولدى ۋە كۈچلۈك ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «بىرقانچە بەلگىلىمە» ۋە «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتا، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىشتا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇش، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىش، يادرونى قەتئىي قوغداش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇش، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ھاياتىم دەپ قاراپ، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك. خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى نەمۇنە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشى، يېڭى ئوبرازىنى تىرىشىپ نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلقنى رازى قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «بىرقانچە بەلگىلىمە» ۋە «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى قەتئىي بوشاشماي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيىتىگە يېتەكچى، خىزمىتىگە تۈرتكە قىلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار پىلان ۋە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. سەمىمىي، قەلبى ساپ، دۇرۇس بولۇش ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، تاقابىل تۇرالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇپ، تولۇپ تاشقان روھ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى