بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچايلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ دەۋر كوردىناتى توغرا ئىگىلىنىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى مەنتىقىسى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىلدى. بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئۇنىڭدا ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنى بەلگىلەنگەن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئۆتكەن بەش يىل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، قەتئىيلىك بىلەن ئالغا بېسىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش جەھەتلەردە يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى. بەش يىلدىن بۇيان نۇرغۇن خىزمەت ئىجادىي ئىشلەندى، ھەل قىلىنغان مەسىلىنىڭ كۆپىنچىسى چوڭقۇر قاتلاملىق بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان، ئەمما ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلە ھەل بولدى، ئىلگىرىكى بېجىرمەكچى بولغان، ئەمما بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىش بېجىرىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلاندى.

    بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرگەن چوڭ- چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر يېقىنقى دەۋردىن بۇيان ئۇزاق مۇددەت ئازاب- ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچقانلىقىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئاتلىنىش يولىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ «ئۈچتىن دېرەك بېرىش» جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى، دەۋر ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىزنى يېڭى ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلىشىمىزگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

    سوتسىيالىزم ئەزەلدىن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ماركسىزمنىڭ نەزەرىيە خىسلىتى، شۇنداقلا سوتسىيالىزمنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش خىسلىتىدۇر. سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودا راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ۋە غەلىبە قىلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بېيىش، قۇدرەت تېپىش تارىخىي مۇساپىسىدە، خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇ- ئۈمىدىگە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە ئەمەلگە ئاشقان، شۇنداقلا خەلقئارا رىقابەت، خەلقئارا سېلىشتۇرمىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايىسى ۋە ئىزدىنىشى مۇجەسسەملەنگەن، نەچچە ئەۋلاد يۈكسەك ئىرادىلىك ۋە ھەققانىيەتچى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن، مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈرەشلىرى ۋە بەرگەن قۇربانلىقلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ 90 نەچچە يىل كۈرەش قىلىش، ئىجاد قىلىش، تەجرىبە توپلىشىنىڭ نېگىزلىك مۇۋەپپەقىيىتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىلغا يېقىن ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇلۇغ باش تېمىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭدا يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ غايىۋى جەمئىيەتكە بولغان ئىنتىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى بوشاشماي ئىزدىنىشى نامايان قىلىنغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مۇقەررەر ھالدا دەۋر ۋە ئەمەلىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىدۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيا ۋە ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات يېڭى تەلىپى ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ پىرىنسىپچانلىقى، سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە زور سىياسەت- فاڭجېنلارنى ئىلمىي تۈزۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى