بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن سۆھبەتلەشتى جۇڭگو- ئامېرىكا باشلىقلىرى باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زورتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن سۆھبەتلەشتى

جۇڭگو- ئامېرىكا باشلىقلىرى باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زورتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى


    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 9- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى دونالد ترامپنىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 9- كۈنى  خەلق سارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ سۆھبەتكە قاتناشتى. 

    ئىككى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت- سائادىتىگە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ھەمكارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە باشلايدۇ.

    ئىككى تەرەپ باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ھەم ھەرقايسى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى، قانۇن ئىجراسى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ۋە رايون ھەم دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ.

    ترامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇلۇغ مۇناسىۋەت، ئامېرىكا- جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھازىرقى دۇنياۋى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- ئامېرىكا دىپلوماتىيە خەۋپسىزلىكى سۆھبىتى، ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتى، جەمئىيەت ۋە ئادىمىيەت سۆھبىتى، قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتىدىن ئىبارەت تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىدىكى ئىككى تەرەپ باشلامچىلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچى خاراكتېرلىك پىكىر بەردى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش مەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن مارالاگو قورۇقىدا كۆرۈشكەندە چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك قارار بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ. مەن بۇ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك تەسىرگە ئىگە زور مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى؛ ھەربىر ھەمكارلىق تۈرىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، ئارتۇقچە ئامىللارنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يىراققا مۇقىم داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىيە خەۋپسىزلىكى ساھەسى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بېكىتكەن يۆنىلىش بويىچە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يول خەرىتىسى پىلانىنى تۈزۈپ، زور، نازۇك مەسىلىلەردە ئىشەنچنى پۇختىلاپ، گۇمانلارنى تۈگىتىشى كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ نازۇك يادرولۇق مەسىلە، شۇنداقلا جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئامىلغا ئايلىنىشى كېرەك. تىنچ ئوكيان ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى سىغدۇرالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكياندىكى ئورتاق مەنپەئىتى ئىختىلاپتىن چوڭ، ئىككى تەرەپ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدا پائال ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ رايون ۋە دۆلەتلەرنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق دوستلار چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى ۋە ئېغىرتقۇسى. جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە زور مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بىز ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭپۇڭ بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ يەنىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق پىلانىنى بالدۇرراق تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەم، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئېكسپورت چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش، بازار ئىجازەتنامىسىنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئادىمىيەت ئالاقىسى «ئالدىنقىلار جاپا تارتسا، كېيىنكىلەر راھەت كۆرىدىغان» ئۇزاق مەزگىللىك ئىش، بۇ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو- ئامېرىكا بىر- بىرىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ھەم ياشلار، مەدەنىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقى تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن ئىجراسى ھەم تور بىخەتەرلىكى − ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ساھەسى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ قاچقۇنلارنى تۇتۇش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇپ كېلىش، زەھەر چەكلەش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش، تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش، تور تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تېزلەتكۈچىسى، ھەمكارلىقنىڭ تۈرتكىچىسى، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ- باشقۇرۇشنىڭ سىلىقلىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە پائال رول ئوينىشى كېرەك.

   ترامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى مۇھىم چوڭ دۆلەتلەر، بىر- بىرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلىرى. ئىككى تەرەپ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئادىمىيەت، قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەرقايسى دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك، رايون ۋە يەر شارى قاتلىمىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە كۆپلىگەن مۇھىم نەتىجە ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى تورتنى چوڭايتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ تور بىخەتەرلىكى، قاچقۇنلارنى تۇتۇش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇپ كېلىش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش، زەھەر چەكلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر- بىرىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق تىرىشىدۇ.

    ئىككى تەرەپ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغداشقا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە، ئىككى دۆلەتنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىش جەھەتتە ئورتاق نىشانغا ئىگە قىلىشقا، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

    سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئېنېرگىيە، ياسىمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئاۋىياتسىيە، ئېلېكتىرو، ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى سودا توختامى ھەم قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى. زۇڭتۇڭ ترامپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان سودا توختامى ۋە قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 250 مىليارد دوللاردىن ئاشتى.

    سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ترامپنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ خې، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى گو شېڭكۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ جيەنخۇا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەن گاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)


    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 9- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى دونالد ترامپنىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىدا ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى