بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەگە ھەمراھ بولۇپ، گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەگە ھەمراھ بولۇپ، گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

     دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەگە ھەمراھ بولۇپ، گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتتە: ئىككى رەھبەر ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى تەيخې سارىيى ئالدىدىكى مەيداندا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11- ئاينىڭ 88- كۈنى ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەگە ھەمراھ بولۇپ، گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى گۇگۇڭنىڭ باۋيۈن سارىيىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى، گۇگۇڭنىڭ ئالدى ئۈچ سارىيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماھارىتى ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە كۆردى ھەم جىڭجۈ تىياتىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

    ئالتۇن كۈز پەسلىدە، گۇگۇڭ سارىيىنىڭ قىزىل تېمى، سېرىق كاھىشلىرى كۈن نۇرىدا يالتىرايتتى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گۇگۇڭنىڭ باۋيۈن سارىيىدا ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەنى كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئۆزئارا قىزغىن ئەھۋاللىشىپ، بىرلىكتە باۋيۈن سارىيىغا كىرىپ چاي ئىچىشتى.

    باۋيۈن سارىيىنىڭ ئىچىنى خۇش پۇراق كۈجە ھىدى قاپلىغانىدى، سازەندىلەر يېنىك مۇزىكىلارنى ئورۇنلاۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىغا بىر يىل بولغان مەزگىلدە ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ترامپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ يىل 4- ئايدا مارئالاگو قورۇقىدا ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ترامپ ئەر- خوتۇننىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور، بۇنىڭغا جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت يۈكسەك ئېتىبار بېرىپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرمۇ ئېتىبار بىلەن قاراۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىجابىي ۋە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شى جىنپىڭ ترامپقا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋە يېقىندا يېپىلغان ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

     ترامپ جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختىدى، جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

    شى جىنپىڭ ترامپقا گۇگۇڭ سارىيىنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرۇپ، گۇگۇڭ سارىيى جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم كۆزنەك، دېدى. ئارقىدىنلا، شى جىنپىڭ ئەر- خوتۇن ترامپ ئەر- خوتۇنغا ھەمراھ بولۇپ، ئالدى ئۈچ ساراينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئىچكى جىنشۈي كۆۋرۈكىدىن مېڭىپ، تەيخې قوۋۇقىدىن ئۆتۈپ، ھەيۋەتلىك تەيخې سارىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىنى بويلاپ مېڭىپ، تەيخې سارىيى، جۇڭخې سارىيى، باۋخې سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۈچ چوڭ ساراينىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىناقلىق» دېگەن سۆزدىن جۇڭگو مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى ھېس قىلدى. ترامپ گۇگۇڭ سارىيىدىكى ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، پات- پات قەدىمىنى توختىتىپ ئۇلارغا نەزەر سالدى، تامدىكى سېرىق كاھىش، تۈۋرۈكلەردىكى نەقىشلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئۇلارغا يۇغۇرۇلغان ئاساسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولغان جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئىختىيارسىز قايىل بولدى.

     ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئالدى ئۈچ ساراينى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، گۇگۇڭ سارىيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنىغا كېلىپ، سائەت، ياغاچ جابدۇقلار، مېتال قوراللار، ساپال بۇيۇملار، توقۇلما بۇيۇملار، ھۆسنخەت ۋە رەسىم قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماھارىتى كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلاندى، ئۇلار نەق مەيداندا ئۆز قولى بىلەن رەسىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقتى ھەم قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى تاماشا قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە قانات يايدۇرغان كەڭ كۆلەملىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى.

     شەپەق قىزىرىپ، پانۇسلار ئېسىلغان پەيتتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى چاڭيىن راۋىقىغا كىرىپ، جىڭتەيلەن ھۈنەر- سەنئەت نادىر بۇيۇملىرىنى ۋە نەقىشلەش ھۈنىرىنى كۆردى ھەمدە ئۆز قولى بىلەن نەقىشلەپ باقتى، ئۇلار يەنە «نەشپۈتزارلىقتىكى باھار مايسىسى»، «ئۇز مايمۇن شاھ»، «كەيپ بولغان ئەتىۋارلىق كىچىك خانىش» قاتارلىق ئۈچ ئېسىل جىڭجۈ تىياتىرىدىن ھۇزۇرلاندى. مېھمانلار ئالقىش ساداسى ياڭرىتىپ، ئارقا- ئارقىدىن «ئاپىرىن!» ئېيتتى.

    ئېكسكۇرسىيە، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەم جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(شىنجاڭ گېزىتى)


  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى