بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

f201710150723102096702464

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

    ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)» مۇزاكىرە قىلىنىپ، ماقۇللاندى ھەم بۇ ئۈچ ھۆججەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتىنىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىندا چۈشەنچە بەردى، ليۇ يۈنشەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)»نىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىندا چۈشەنچە بەردى


    ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سۈن جېڭسەي، خۇاڭ شىڭگو، لى لىگو، سۈن خۇەيشەن، ۋۇ ئەييىڭ، سۇ شۇلىن، ياڭ خۈەننىڭ، ۋاڭ سەنيۈن، شياڭ جۈنبو، لى يۈنفېڭ، ياڭ چۇڭيۇڭ، جاڭ شىۋۇ، مو جيەنچېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋاڭ جيەنپىڭ، تيەن شيۇسىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ، ماقۇللاندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
(2017- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

   ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ 191 ئەزاسى، 141 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

   ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

   ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

   ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)» مۇزاكىرە قىلىنىپ، ماقۇللاندى ھەم بۇ ئۈچ ھۆججەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتىنىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىندا چۈشەنچە بەردى، ليۇ يۈنشەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)»نىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىندا چۈشەنچە بەردى.

    ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ، 4- ، 5- ، 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى، تەيۋەنگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق- مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلىدى.

    ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: بۇ بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كونىسىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور فاڭجېن- سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، بىر قاتار چوڭ- چوڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل قىلىپ بولالمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولساقمۇ بېجىرىپ بولالمىغان چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دېموكراتىيە- قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارى، چاقىرىق كۈچى روشەن كۈچەيدى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، خەلقئارا تەسىرى ۋە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆپ تەرەپلىمە، يېڭىلىق يارىتىشچان بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك بولدى. بۇ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى خۇلاسىلەندى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە نىزامنامىسىدا يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىشنىڭ شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى تەتبىقلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئىشىنىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنىڭ يامرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى ھەم ئۇنى مۇستەھكەملەپ راۋاجلاندۇردى.

    ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن سۈي بو، شۇ شياۋچىن، ما شۈنچىڭ، ۋاڭ جيەنجۈن، لى چياڭ، چېن ۋۇ، چېن مىڭمىڭ، جاۋ لىشيۇڭ، جاۋ شۇسۇڭ، دۈەن چۈنخۇا، لوساڭجياڭسۈننى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاش قارار قىلىندى.

    ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سۈن جېڭسەي، خۇاڭ شىڭگو، لى لىگو، سۈن خۇەيشەن، ۋۇ ئەييىڭ، سۇ شۇلىن، ياڭ خۈەننىڭ، ۋاڭ سەنيۈن، شياڭ جۈنبو، لى يۈنفېڭ، ياڭ چۇڭيۇڭ، جاڭ شىۋۇ، مو جيەنچېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋاڭ جيەنپىڭ، تيەن شيۇسىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ، ماقۇللاندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۈن جېڭسەي، خۇاڭ شىڭگو، سۈن خۈەيشەن، ۋو ئەييىڭ، سۇ شۇلىن، ۋاڭ سەنيۈن، شياڭ جۈنبو، ۋاڭ جيەنپىڭ، تيەن شيۇسى، لى يۈنفېڭ، ياڭ چۇڭيۇڭ، مو جيەنچېڭغا بەرگەن پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى، لى لىگو، ياڭ خۇەننىڭغا بەرگەن پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل سىناش جازاسى، جاڭ شىۋۇغا بەرگەن پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

    ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەمىز 89 مىليوندىن كۆپرەك ئەزاسى بار چوڭ پارتىيە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، ئەگەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى بولمىسا، قاتتىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە بولمىسا، ئىستىل دۇرۇس، ئادىل ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بولمىسا، پارتىيەمىز ئىجادچانلىق، ئۇيۇشۇشچانلىق، جەڭگىۋارلىقنى يوقىتىدۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ، خەلقتىن ئېغىر دەرىجىدە ئايرىلىپ قېلىپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىشتەك ئېغىر تارىخىي ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالمايدۇ. پۈتۈن پارتىيە سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىغا، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشىگە، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىجرا قىلىپ، ھەر قانداق جاي ۋە تارماقنىڭ خىزمىتىدە جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار جەزمەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، كۆڭلىگە پارتىيەنى، خەلقنى، مەسئۇلىيەتنى پۈكۈشى، ھەر ۋاقىت ئېھتىياتچان بولۇشى، سىياسىي ئىرادىسى، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

    ئومۇمىي يىغىندا ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىندى، يېڭى ۋەزىيەتتە يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر قانچە مۇھىم مەسىلە چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا تولۇق تەييارلىق قىلىندى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

f201710150723423146702465

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى