بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى» 10- ئاينىڭ 15- كۈنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى» 10- ئاينىڭ 15- كۈنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

    مۇخبىرىمىز مايگۈل ئايتقازى، پىراكتىكانت ۋاڭ تىڭتىڭنىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە،  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

    90 مىنۇتلۇق بۇ ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تەڭرىتاغنى يورۇتتى» باش تېما، «قۇياش نۇرى» ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، مۇقەددىمە، قۇياش نۇرى − ئىللىقلىق، قۇياش نۇرى − جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، قۇياش نۇرى − بۇرچ، خاتىمەدىن ئىبارەت بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن. كېچىلىكنىڭ باش تېمىسى گەۋدىلىك، مەزمۇنى مول، ئېسىل، نومۇرلار سەرخىل، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، بۇنىڭدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشتەك شادىمان كەيپىياتى تولۇق نامايان قىلىنغان.

    كېچىلىكتىكى نومۇرلارنىڭ شەكلى ھەرخىل بولۇپلا قالماي، سەھنىدىكى LED چوڭ ئېكرانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلغان كۆرۈنۈشى قىسقا فىلىم شەكلىدە كۆرسىتىلگەن، بۇ ھەم كېچىلىكنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى قىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى تولۇق نامايان قىلىنغان؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغانلىقى تولۇق ئىپادىلەنگەن.

    كېچىلىككە مو خۇالۈن، ۋاڭ بىڭبىڭ، ۋاڭ گۇاڭيۈن، ۋاڭ يۈەنيۈەن، باھارگۈل قاتارلىق داڭلىق ناخشىچىلار تەكلىپ قىلىندى. يېڭى ئىجادىي ناخشىلاردا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر جەھەتتىكى قۇرۇلۇشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر، يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەدھىيەلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ 19- قۇرۇلتايدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئارزۇسى نامايان قىلىندى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ كېچىلىك 10- ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:30دا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلىدا كۆرسىتىلىدىكەن، ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلى ۋە قازاقچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىدا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:40تە كۆرسىتىلىدىكەن.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى