بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى

    مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ‹‹سىياسىۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىق››نى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

    مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1–دومنا پېچ شۆبە زاۋۇتىنىڭ خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات رايونى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمتىمىن ئابلىز بۇ يىل 6 –ئاينىڭ 14 –كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆتكۈزگەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنىدا قەسەم بېرىپ: بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 4 مىليون ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىگە ۋاكالىتەن تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمىز، ئىسسىق قېنىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغدايمىز، دېدى.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كۆپ قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ياشلار، ئاياللار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئاممىنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى تونۇش››نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە تايىنىدىغان مۇستەھكەم كۈچىگە، كۈچلۈك قوللىغۇچىسىغا ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسىغا ھەقىقىي ئايلاندى.

   40 ياشتىن ئاشقان زورەم زارى ئىپتىخارلانغان ھالدا: ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى›› تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى، مەن بىر ئاددىي ئائىلە ئايالىدىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زامانىۋى ئايالغا ئايلاندىم، دېدى. ئۇ بەش يىل ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قانات يايدۇرغان ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى››نىڭ تۈرتكىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى تاشبۇلاق تەۋەلىك رايونى ئارقا كوچا مەھەللىسىدە تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچتى. زورەم زارىدەك بۇنداق ئاياللار ناھايىتى كۆپ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋاسىتىلىرىنى موللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىدى.

(تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى