بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاندى

    يۆ يەنيۈننىڭ 10–ئاينىڭ 11–كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 1–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاخباراتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاخباراتى›› ئېلان قىلىنغان، بۇ قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالى ئامىللىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى، جايلىشىش ئەھۋالى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا توغرا، ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن.

    1–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەت ئەھۋالى ۋە كۈچىنى تەكشۈرۈش مۇھىم تۈرى ھېسابلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز 2013–يىلى 8–ئايدا بۇ خىزمەتنى باشلىغان، 2015–يىل 6 –ئاينىڭ 30–كۈنىنى ئۆلچەم، يەر يۈزىدىكى تەبىئىي ئامىللار ۋە گۇمانىتار جۇغراپىيەلىك ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى – يەر تۈزۈلۈشى، تېرىلغۇ يېرى، ئورمان، ئوتلاق بىلەن قاپلىنىشى، سۇ رايونى، چۆللۈك ۋە قاقاس يېرى، تۆمۈريول ۋە تاشيولى، ئاھالىلەر تۇرۇشلۇق جاي ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاخبارات شەكلىدە نامايان قىلغان. بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە يەر يۈزىدىكى تەبىئىي ئامىللار ۋە گۇمانىتار جۇغراپىيەلىك ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ، جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىشى ئىكەن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن تەپسىلىي ئىكەن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە شەھەرلەردىكى ھەر بىر پارچە يېشىللىق ۋە كۆلچەكلەرگىچە ئېنىق ئىستاتىستىكا قىلىنغان.

     بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىغا ئالاقىدار 1 – دەرىجىلىك ئۇچۇردىن ئونى، 2 – دەرىجىلىك ئۇچۇردىن 58ى، 3 – دەرىجىلىك ئۇچۇردىن 135ى، يەر يۈزى تۇپراق تەسۋىرىدىن 5 مىليون 888 مىڭ 500ى ۋە دۆلەت ئەھۋالى ئامىلىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتتىن 2 مىليون 759 مىڭ 700ى ئىگىلەنگەن، بۇ زېمىن بايلىقى، سۇچىلىق، قاتناش، يىرىك پىلان، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، مۇھىت ئاسراش، ئىستاتىستىكا قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى، يىرىك پىلان تۈزۈشى ۋە باشقۇرۇشىنى بىر تۇتاش جۇغراپىيەلىك سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق 1 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەش – سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پىڭ شىنلەي مۇنداق دېدى: جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن سانلىق مەلۇمات ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات زور ئىستراتېگىيەسىنى ئىلمىي پىلانلاشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى، يەردىن پايدىلىنىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئۈچ تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك، توققۇز تۈرلۈك ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەخسۇس تېمىلىق جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىدىن پايدىلىنىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


(تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى