بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ھەممە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكى

ھەممە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكى

− موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىن كارتىنىلار


   ئېكولوگىيەنى قوغداش ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلىدى

    تومۇزدا «جۇڭگو تۇلپار ماكانى» موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە كەلدىم. بۇ ناھىيەنى كېسىپ ئۆتىدىغان تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كۆز يەتكۈسىز سۇلۇق يەر كۆپ- كۆك ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەنىدى، سۈرتۇرنا، چوڭ ئاق قۇلارنىڭ بىرسى سۇ يۈزىگە قونسا، بىرسى ئۇچۇپ يەم ئىزدەۋاتاتتى.


    موڭغۇلكۈرەدىكى تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنىدىكى سۇلۇق يەرنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 40 مىڭ مو بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇلۇق يەر كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ يەر قۇشلارنىڭ جەننىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە فوتوگرافلار، ساياھەتچىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان جايدۇر.

    سۇلۇق يەردىن باشقا، ئورمان بايلىقى ۋە ياۋايى ھايۋانات- ئۆسۈملۈكلەرمۇ موڭغۇلكۈرەنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىگە ئۆزگىچە ھۆسن قوشتى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئورمان بايلىقى مول بولۇپ، ئورمان كۆلىمى 3 مىليون مودىن ئاشىدۇ، ناھىيەنىڭ ئورمانلىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %15.04كە يېتىدۇ.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە تەخمىنەن 3000 خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، شىنجاڭدىكى ياۋايى ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ %85ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ 363 خىل ياۋايى ھايۋانات بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان 181 قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانات بار ئىكەن.

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل بولغاچقا، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ناھىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. مول بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، بايلىقنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولدى.

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى 2014- يىلى تېكەس دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى، 2015- يىلى يەنە شوتا سۇلۇق يېرىنى باشقۇرۇش- قوغداش رايونى ۋە ماياك پەسىللىك قۇشلارنىڭ ماكانىنى باشقۇرۇش- قوغداش رايونىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى.

    بۇنىڭدىن باشقا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى يەنە ياۋايى ھايۋانات- ئۆسۈملۈك بايلىقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانات- ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن- نىزاملارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانات- ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈردى ھەم ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پەسىل قۇشلىرىغا يەم تاشلاپ بېرىپ، ياۋايى ھايۋانات- ئۆسۈملۈكلەرنى قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيەدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ياخشى قوغدىدى.
 

    ئورمان ئەھيا قىلىش ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكىگە رەڭ بەردى
 

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئورمان ئەھيا قىلىشنى ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىش، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىش، شەھەر- بازار، كەنتلەرنى كۆكەرتىش، يېشىل يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ناھىيە بويىچە ئورمان ئەھيا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

    ناھىيەنىڭ كۆچەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە 330 مولۇق كۆچەتزارلىق بەرپا قىلدى. سودىگەر جەلپ قىلىپ، ھەمكارلىشىپ كۆچەت پەرۋىش قىلىشتىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 11 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلىپ، سورتلۇق كۆچەتلەرنى كىرگۈزدى. ئورمانچىلىق تېخنىكلىرىنى ياۋا جىغان، ياۋا دولانە، ياۋا شۇمۇرت قاتارلىق قىممەتلىك ياۋا ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىنى يىغىشقا تەشكىللىدى.

    بۇ يىل موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يەنە 3 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ تۇلپار يولىدا ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتىر، يەر كۆلىمى 205 مو كېلىدىغان مەنزىرە كارىدورى بەرپا قىلىپ، گۈلجېنەستە، قىزىل يوپۇرماقلىق تاش ئالما، ئالتاي قېيىنى قاتارلىق موڭغۇلكۈرەنىڭ كىلىماتىغا ماسلىشىدىغان 139 مىڭ 900 تۈپ مەنزىرە كۆچىتى تىكىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىگە ھۆسن قوشتى.

    چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى «ھەسەن- ھۈسەن يۇرتى» بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى
     

     موڭغۇلكۈرە يايلىقىنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئۆزگىرىشچان بولۇپ، بىر كۈننىڭ ئىچىدە نەچچە قېتىم يامغۇر ياغسا، نەچچە قېتىم ھاۋا ئېچىلىپ، قۇياش پارلاپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ھەسەن- ھۈسەننى باشقا جايلاردىكىگە قارىغاندا كۆپ كۆرگىلى بولىدۇ. ياز پەسلىدە دائىم ھەسەن- ھۈسەن چىققاچقا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى «ھەسەن- ھۈسەن يۇرتى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ، يەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ھەسەن- ھۈسەننى كۆزىتىشنى ھاۋا رايى ئۇچۇرى يىغىش خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزدى ھەم «ھەسەن- ھۈسەن»سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇ، مەملىكەت بويىچە ھەسەن- ھۈسەن كۆزىتىشنى ئاساس قىلغان تۇنجى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.


    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە 20 مېتېئورولوگىيە پونكىتى بار ئىكەن. ھەسەن- ھۈسەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ھەسەن- ھۈسەندىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەسەن- ھۈسەننى كۆزىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ۋە ھەسەن- ھۈسەننى سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ساياھەتچىلەرگە ئۇچۇر بېرىدىكەن.

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياۋ مىن مۇنداق دېدى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ھەممە ئادەم ساياھەت ئوبرازى ۋە ساياھەت ئەلچىسى» بولۇشتەك ئومۇمىي خەلق ئورتاق تونۇشى شەكىللەندۈردى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى