بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كورلا-لەنجۇ-خاڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 29-ئۆكتەبىر ئېچىلىدۇ

  ئۆز خەۋىرىمىز: جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كورلا-لەنجۇ-خاڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.بۇ، كورلا ئاھالىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن لەنجۇ، خاڭجۇغا بېرىشتا ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايروپىلان ئالماشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مۇخبىرىمىزنىڭ 6-ئۆكتەبىر كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، كورلا ئايرودۇرۇمى شىنجاڭنىڭ ئىچى، سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە 29-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كورلا-لەنجۇ-خاڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ساياھەتچىلەرنىڭ ۋاقتى ۋە ئىقتىسادىنى تېجەيدىكەن.

  كورلا ئايدورۇرۇمى كېيىنكى قەدەمدە 2-تور تۈگۈنىنى يەنىمۇ ياخشىلايدىكەن، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرگە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى