بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇش كېرەك

    ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 10- ئاينىڭ 66- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى قاتارلىق ئالاقىدار يىغىنلارنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ياخشى ئىستىل، ئەلا نەتىجە بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    نەيىم ياسىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، كادىرلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توققۇز «قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى قائىدە- تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، كادىرلار قوشۇنىدىكى «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» ئەھۋالىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىشى، ياخشى خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇستەھكەملىشى كېرەك.

    نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئورگانلاردىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە بارغانلار كەنتكە كىرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇشى، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى، خىزمەتلەردە ئاجىز نۇقتا بولماسلىققا، ئائىلە زىيارىتىدە بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك. ئورگان قورۇسى بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلىشى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ھەل قىلىشنى بىر- بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، خەتەردىن ساقلىنىشتا چالا قويماسلىققا، بوشلۇق قويماسلىققا، يوچۇق قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئورگىنى كادىرلىرى ئىش ئورنىدا تولۇق، 24 سائەت، جان- دىل بىلەن تۇرۇشى، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈشىگە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىگە، ئىجرا قىلىشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى