بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى 22- قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ماركسىزملىق پەلسەپەدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى 22- قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

ماركسىزملىق پەلسەپەدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر 10- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 22- قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۆگىنىشتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ پەلسەپە ئۆگىنىش، پەلسەپەدىن پايدىلىنىش مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ماركسىزملىق پەلسەپە − ئىلمىي مېتودولوگىيە ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ماركسىزملىق پەلسەپەنىڭ مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پەلسەپە ئۆگىنىش، پەلسەپەدىن پايدىلىنىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق پەلسەپەدىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش نەزەرىيە نەتىجىلىرى ئارقىلىق كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پەلسەپە ئۆگىنىش، پەلسەپەدىن پايدىلىنىشنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتىكى دائىملىق خىزمەت قىلىشتا، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇھىم ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە، ئىقتىدار ئەمەلىيىتىگە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇشقا يېتەكلەپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قائىدىسىنى ئىگىلەپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېقىندىن ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، گۈللەنگەن، ھەممەيلەن خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى سىياسىي ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان مەزگىلدىكى مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولغان كەيپىياتتا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى