بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان «ھالقىلىق تەدبىرلەر» ياخشى قوللىنىلدى − پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان شىنخۇا ئاگېنتلىقى

جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان «ھالقىلىق تەدبىرلەر» ياخشى قوللىنىلدى

− پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   ئىسلاھات جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ روشەن بايرىقى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى.

   پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مىسلىسىز ئىرادىمىز ۋە كۈچىمىز بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملىدۇق.

       سىستېمىلىق پىلانلاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ۋە باشلامچى خاراكتېرلىك ئاچقۇچلۇق ھالقا.

   پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە كادىرلار، ئامما ئىسلاھات ئۈچۈن ئورتاق چارە ئىزدەپ، ئىسلاھات ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقاردى، ئاساسلىق ساھەدىكى «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك» خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئاساسىي رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلۇپ، ھالقىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ مەنتىقىسى، چوڭ رامكىسى كۈنسېرى روشەنلەشتى.

   بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. قىيىن ۋە مۇرەككەپ ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئالدىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى سىياسىي جۈرئىتى ۋە ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى پىلانلىدى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دېموكراتىيە- قانۇنچىلىق ساھەسى ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈزۈم ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئالتە مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

   بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى قاتلىمىدىن قول سېلىنىپ، كۆز ئالدىمىزغا ۋە كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ئومۇمىيلىق ۋە قىسمەنلىك بىر تۇتاش پىلانلاندى، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش بىلەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىندى… 1500دىن كۆپرەك ئىسلاھات تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم يارىتىلدى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، چېتىلىدىغان مەنپەئەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى، رىتىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش تېزلىكى مىسلىسىز بولدى.

   بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. قىيىنلىرىغا تېگىشتەك جاسارەت ۋە ئەزىمەتلەرگە خاس ئىرادىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەرقايسى ساھەدىكى ئىسلاھات مەركەزگە توغرىلىنىپ، كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

   ئىقتىساد ئېكولوگىيەسى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا چوڭ توسالغۇلارغا، بۆسۈش ھاسىل قىلىش قىيىن بولغان «قاتتىق سۆڭەك»لەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىلىك رولى بارا- بارا روشەنلەشتۈرۈلدى؛ دېموكراتىيە- قانۇنچىلىق ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتى پۇختا ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەلىللىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەندى، ئەدلىيە ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتى چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش، دەۋا قىلىش قىيىن بولۇش، ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرى بارا- بارا ھەل قىلىندى؛ ئەدەبىيات- سەنئەت تەرەققىياتىنى گۈللەندۈرۈشكە ئەسقاتىدىغان سىياسەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، ئۇل خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلار ئاساسىي جەھەتتىن يولغا قويۇلۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

   ئىجتىمائىي ساھەدىكى ئىسلاھات نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى مەركەزلىك يولغا قويۇلۇپ، كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىندى؛ ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى بىرلەشتۈرۈلۈپ، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

        نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى يول ئېچىلدى

   30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىسىدا ئىسلاھات قىيىن باسقۇچقا قەدەم قويدى، قىيىن ئۆتكەل كۆپەيدى، سىناق كۆپەيدى.

   ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق − ئومۇميۈزلۈك بولۇشتا، قىيىنچىلىق − چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. تۈرلۈك- تۈمەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئالدىدا قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، شۇنداقلا ئىسلاھات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، تاكتىكىلىق جەڭ قىلىشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋاملىق ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈلدى.

   ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى − جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىسى، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش مۇھىم يېتەكلەش رولىغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.

   ئامانەت- قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى باشقۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن قويۇۋېتىلدى، پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈلدى، كۆپ قاتلاملىق بانكا سىستېمىسى بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، شاڭخەي- شياڭگاڭ ئاكسىيە بېرژىسى، شېنجېن- شياڭگاڭ ئاكسىيە بېرژىسى، زايوم ئالاقىسى ئارقا- ئارقىدىن تۇتاشتۇرۇلدى… پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.

   ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ماكان قۇرۇش ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. مەنبەدىن قاتتىق توسۇپ، جەرياننى قاتتىق باشقۇرۇپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى قاتتىق جازالايدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى؛ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشىدە «شەمشەر غىلاپتىن چىقىرىلدى»؛ دەريا- ئېقىن باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى… ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشنىڭ ئۆزئارا ئىجابىي تۈرتكىلىك رولى جارى بولۇشقا باشلاپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ يېڭى مەنزىرىسى ئاستا- ئاستا نامايان بولۇشقا باشلىدى.

   قىسمەنلىك ئارقىلىق بىر پۈتۈنلۈك جانلاندۇرۇلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، مالىيە- باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، تېببىي دورا- سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى… قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرە يېتەكلىنىپ، باشقا ئىسلاھاتلار تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلىنىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلاندى.

       ئىسلاھاتتا خەلقنىڭ ئارزۇسى ئاساس قىلىندى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش − تۈزۈلمە- مېخانىزم، سىياسەت- بەلگىلىمىلەرنى كۆزىتىشتىكى «ئەينەك» بولۇپ قالدى. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم «تورت»نى ئۈزلۈكسىز چوڭلاتتى، ھەم «تورت»نى ياخشى تەقسىملەپ، ئىسلاھاتنىڭ «ئالتۇن مىقدارى»نى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  − ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىنىپ، نامراتلىق تۈگىتىلدى. ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە 2013- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە يېزىلاردىكى 55 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %4.5كە تۆۋەنلەپ، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ب د ت نىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىغا تۇنجى بولۇپ يەتكەن دۆلەتكە ئايلاندى.

  − سودا ئىسلاھاتى ئىگىلىك تىكلەش شەرتىنى تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۆلەش سىياسىتى ياخشى يولغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى، بەش يىلدا شەھەر- بازارلاردا 65 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 مىڭ كارخانا يېڭىدىن قۇرۇلدى.

  − ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپ يولغا قويۇلدى. سۈپەتلىك بايلىق ئورتاق بەرپا قىلىنىپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇنۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى يولغا قويۇلۇپ، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇلدى.

  − سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۆرۈنەرلىك بولدى. «12- بەش يىل»دا شەخسنىڭ سەھىيە چىقىمىنىڭ سەھىيە ئومۇمىي خىراجىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %29.27كە تۆۋەنلىتىلىپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ، ئامما تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى.

  ئىسلاھات خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلدى، مەۋجۇت بولۇشتىن تەرەققىي قىلىشقىچە، ماددىيلىقتىن مەنىۋىلىككىچە، پاراۋانلىقتىن ھوقۇققىچە «خەلق ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان ئىدىيە بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسى داۋاملىق پۈتۈلگۈسى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى