بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ئاپتونوم رايونىمىز ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونىمىز ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى

    مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، «بېرىش،  باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

    ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى − ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار سىياسەت- تەدبىرلەرنى تۈزۈش جەريانىدا ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، رىقابەتنى چەتكە قاقىدىغان، چەكلەيدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى چىقىرىشتىن ساقلىنىپ، دۆلەتنىڭ بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بەلگىلىمە، ئۇسۇللارنى تەدرىجىي بىكار قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چېگراسىنى يەنىمۇ ئېنىق ئايرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈزۈم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5- ئايدا «گوۋۇيۈەننىڭ بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا ئالاقىدار پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، بازار ئىجازىتى ۋە چېكىنىش ئۆلچىمى، تاۋار ۋە ئامىلنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش ئۆلچىمى، ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەننەرخ ئۆلچىمى، ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۆلچەمدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن مەمۇرىي ھوقۇققا «قىلىشقا بولمايدۇ»دىن 18نى بېكىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 9- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى كۇرسى ۋە ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى، يىغىن يىراق مۇساپىلىك سىن ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە(شەھەر)دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىنى تولۇق قاپلىدى.

    ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، سودا نازارىتى، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا 28 ئورۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال چىڭ تۇتۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى خىزمىتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلماقتا.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ: ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۇزاق مۇددەتلىك، سىستېمىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى، جايلار، ئورۇنلار خىزمەت مېخانىزمىنى تېزدىن ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ساقلانما سىياسەتنى تەرتىپكە سېلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك، دېدى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى