بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • يەتتە قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمىلىق مەخسۇس فىلىم − «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى» قويۇلۇشقا باشلىدى فىلىمدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى

يەتتە قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمىلىق مەخسۇس فىلىم − «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى» قويۇلۇشقا باشلىدى

فىلىمدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى  جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەلگۈسىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى. بەش يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى غايەت زور نەتىجىلەرنى تولۇق نامايان قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەپەككۇرى ۋە ھەرىكەت ئىزى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەتتە قىسىملىق چوڭ تىپتىكى سىياسىي مۇھاكىمىلىق مەخسۇس فىلىم − «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى»نى سۈرەتكە ئېلىشقا تەشكىللىدى. بۇ فىلىم 10- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا بىۋاسىتە تارقىتىلدى ھەم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى قاتارلىق يۇغۇرۇلما تاراتقۇ سۇپىلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلدى.

  بۇ فىلىمدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى چۆرىدىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش ئىدىيەسى، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، كېڭىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانى نامايان قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغۋار مۇساپىسى نامايان قىلىنىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى دۇنيانى تەسىرلەندۈرۈپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغان جۇڭگو ھېكايىسى جانلىق بايان قىلىندى.

  پۈتۈن فىلىم «بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نىشان بەلگىلەش»، «خەلق ھەممىدىن ئەلا»، «قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش»، «قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش»، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا»، «ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش»، «مەڭگۈ ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت يەتتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان. بۇ فىلىمنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقاتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان، بۇ فىلىم پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر قاتار مەخسۇس فىلىملەر ئىچىدىكى مۇھىم فىلىم ھېسابلىنىدۇ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا بۇ سىياسىي مۇھاكىمىلىق مەخسۇس فىلىمنىڭ قويۇلۇشى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا مەدەت بولغۇسى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى