بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى

       ئۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» 20166- يىل 1 – ئاينىڭ 1- كۈنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ يېزا، كەنت، مەھەللە، مەكتەپلەرگە كىرىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىدا ئاجايىپ سەھىپە ئاچتى، دېيىشكە بولىدۇ.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا بويسۇنۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن ئاساسلىنىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىل