بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى(2) − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىش خاتىرىسى

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى(2)

− پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىش خاتىرىسى


    بۇ جەرياندا ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ نامزات كۆرسەتتى. 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەركەز تەقسىملىگەن ۋەكىل سانىغا ئاساسەن، نىسبەتنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە سان تەقسىم قىلىپ نامزات كۆرسەتتى؛ ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەركەز تەقسىملىگەن ۋەكىل سانىغا ئاساسەن، ھەرقايسى نامزات كۆرسىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى نامزاتلىققا تولۇق كۆرسىتىشكە تەشكىللىدى؛ باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ نامزات كۆرسەتتى.

    ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، ئومۇمەن كۆپ ساندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنماي كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ۋەكىللەر نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلمىدى، ئومۇمەن تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرى، كۆپ ساندىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنماي تۇرۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا يوللانمىدى.

    نۇرغۇن پارتىيەلىك كادىر چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشتا ئۈستىگە ئېلىنغىنى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى، زىممىگە يۈكلەنگىنى پارتىيەنىڭ يۈكسەك بۇرچى. بىر قېتىملىق نامزات كۆرسىتىش بىر قېتىملىق جانلىق پارتىيە دەرسى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى كۈچەيتىلىپلا قالماستىن، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىش، ئىلغارلاردىن بولۇش غەيرىتى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.

    − قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

    ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللىك شەرتىگە ئاساسەن نامزاتلارغا قارىتا ئارتۇق نامزاتلارنى تەكشۈرۈشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يول، كۆپ قاتلام، كۆپ تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلەپ، توغرا، ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

    جېجياڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلار تەكشۈرۈش جەريانىدا «ئۇ باشقۇرىدىغان»، «ئۇنى باشقۇرىدىغان»، «ئۇ مۇلازىمەت قىلىدىغان» ۋە «ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى» كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم تەشكىلنىڭ باھاسىنى، ھەم ئاممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئىگىلىدى. خەينەن، نىڭشيا قاتارلىق جايلار كەسپىي تايانچلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاجرىتىپ، يېزا، مەھەللە ۋە كارخانا، ئىدارە- ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش، دېموكراتىك باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ۋەكىللىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ كۆلەمدە ئاڭلاپ، نامزاتلارنىڭ ئىپادىسى، ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، قاتتىق تاللاپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە «نۇقسان» بولماسلىق، پاكلىق جەھەتتە ھېچقانداق «داغ» بولماسلىق، ئىستىل جەھەتتە « چاتاق» بولماسلىق، نەتىجە جەھەتتە «ساختىلىق» بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    «تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك پارتكوم ئالتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى ۋە تەشكىلات تارمىقىدىكى يولداشلارنى قاتنىشىشقا ئاجرىتىپ، <بىراقلا تېگى- تەكتىگە يېتىش> بويىچە قاتتىق تەكشۈردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش، ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈش، يۈزمۇيۈز تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنى سىياسىي ئۆتكەل، پاكلىق ئۆتكىلى، سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۆتكىلىدىن ئىبارەت <ئۈچ ئۆتكەل> بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، <چاتاق نامزاتلارنى كۆرسىتىش>، <چاتاق نامزاتلار سايلىنىش>نىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىندى» دېدى شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 3- باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يۇڭ.

    − دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇنەۋۋەرلىرى تاللاندى.

    جاڭ يەن شاڭخەي «شېڭدۇڭ» خەلقئارا كونتېينېر پىرىستانى چەكلىك شىركىتىدىكى بىر ئاددىي پارتىيە ئەزاسى، كىران شوپۇرى، ئۇ قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەن تېخنىكىسى، گەۋدىلىك تۆھپىسى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى بىلەن، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان. 2017- يىلى 1- ئايدا، شاڭخەي شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەريانىدا جاڭ يەن باشقا 44 مىڭ 881 پارتىيە ئەزاسى بىلەن بىللە 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى نامزاتىغا كۆرسىتىلدى. «ئۈچ يۇقىرى، ئۈچ تۆۋەن» بويىچە دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش، پىكىر ئېلىش ئارقىلىق ھەر قايسى رايونلۇق، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار پارتكومى جەمئىي 230 نامزاتنى شەھەرلىك پارتكومغا يوللىدى.

    شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋەكىللىك شەرتى ۋە قۇرۇلما تەلىپى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، 83 ۋەكىل نامزاتىنى دەسلەپكى قەدەمدىكى نامزات، كاندىدات نامزات قىلىپ بېكىتتى. جاڭ يەن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، نامزاتلار قاتارىغا كىردى.

    2017- يىل 5- ئاينىڭ 12- كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك 11 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا جاڭ يەن قاتارلىق 73 كىشى 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە سايلاندى.

    44 مىڭ 882 نامزاتتىن 230 نامزاتقىچە، 230 نامزاتتىن 83 نامزاتقىچە، 83 نامزاتتىن 73 ۋەكىلگىچە − شاڭخەي ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىش جەريانى پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاش ئارقىلىق 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىنىڭ كارتىنىسى.

    ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن نامزات كۆرسەتكەن ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغىچە، يەنە سايلام ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىغىچە، تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە كەڭ دائىرىدە كۆرسىتىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پىكىر ئېلىپ، دەرىجىمۇدەرىجە ۋەكىللەر نامزاتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى ھەم پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئۆتكىلىنى ئىگىلەش رولى كۈچەيدى.

   − ئىنتىزام چىڭىپ، يامانغا زەربە بېرىلىپ، ياخشىغا مەدەت بېرىلدى.

   19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىنتايىن مۇھىم، ئامما كۆز تىكىپ تۇرىدۇ، ئازراقمۇ ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتنى سىغدۇرالمايدۇ.

   ئىستىل دۇرۇس بولسا، كەيپىيات توغرا بولىدۇ، ئىستىل بۇزۇلسا، چاتاق چىقىدۇ. سايلامنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركەز سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سايلام ئىنتىزامىنى قاتتىق چىڭىتىپ، تەربىيە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاۋاز توپلاپ، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئارىغا ئادەم قويۇش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرنى بايقىسا بىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ھەرگىز ئورۇنسىز يول قويماسلىق، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

   مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى تەربىيەلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاگاھلاندۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئالاقىدار ئىنتىزام، بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «سىگنال»، «ئەينەك» قاتارلىق ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزام ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا؛ لياۋنىڭ ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردىكى پارا بېرىپ سايلىنىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلولىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىپ، ئىبرەت ئېلىشقا يېتەكلىدى.

   خۇنەن ئۆلكىسى بارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنى «ئۈچ بىر» ئىنتىزام تەربىيەسىنى، يەنى يىغىن مەيدانى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئىنتىزام كۆرگەزمە تاختىسى قويۇش، يىغىن ئۈستىلىگە ئىنتىزام بەلگىلىمىسى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى قويۇش، يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى مەركەزلىك ئىنتىزام تەربىيەسى توغرىسىدا ئۆگىنىش قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى ھەم پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە سەييارە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

   شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش جەريانىدىكى خەۋپ- خەتەر نۇقتىلىرىنى ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مەسىلە ئاسان يۈز بېرىدىغان ھالقىلارغا قارىتا قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، رايون، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئىستىلىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بويىچە 82 گۇرۇپپا قۇرۇپ، نامزات كۆرسىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىز قوغلاپ، 11 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر، ئاممىنى ئايرىم زىيارەت، ئىختىيارىي زىيارەت، تېلېفون ئارقىلىق يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى.

   «ئىنتىزام − قىزىل سىزىق، شۇنداقلا كاپالەت. بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرگە قىلچە يول قويماسلىق پارتىيە ۋەكىلى سايلام خىزمىتىنىڭ جىددىي خىزمەتلىكىنى ۋە ئىنتىزامىنىڭ قاتتىقلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى»، دېدى ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىگە قاتناشقان تەشكىلات تارمىقىدىكى مەسئۇل يولداش.

   دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قېلىپلاشقان تەرتىپنى چىڭىتىشنى مىزان قىلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز … 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش جەريانى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

        ئۇلۇغۋار ئىشلارنى باشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى

         − بىر ئەۋلاد كىشىلەر بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى. 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسى يۇقىرى، تارقىلىشى كەڭ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇپ، ئۇلار زامانىمىز كوممۇنىستلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى

   8- ئاينىڭ بېشىدا 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە سايلانغان گۇيجۇ ئۆلكىسى جېنفېڭ ناھىيەسى لۇڭچاڭ بازىرى لۇڭخې كەنتى شىپاخانىسىنىڭ دوختۇرى جۇڭ جىڭ كەنت كوچىلىرىنى ئارىلاپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى. مەملىكەت بويىچە «8- مارت قىزىل بايراقدارى»، «ئەڭ پەزىلەتلىك يېزا دوختۇرى» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولغان جۇڭ جىڭ يەنە بېيجىڭدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى شۇ جايدىكى كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سوزۇلما كېسەللىكلەرنى تېخىمۇ ياخشى داۋالىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلاۋاتاتتى.

   جۇڭ جىڭ مۇنداق دېدى: ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە سايلىنالىغانلىقىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، يۇرتداشلارنىڭ كېسىلىنى ياخشى داۋالاپ، ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى بىلەن پىكىرلىرىنى مەركەزگە يەتكۈزىمەن.

   جۇڭ جىڭغا ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ.

   − ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

   19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلما نىسبەت تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، كۆپ خىل كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سايلام ئورۇنلىرى ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا ھەر خىل ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ كونكرېت سانى ۋە نىسبىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەشغۇلاتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇردى.

   مەركەز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى (بېيجىڭدىكى) قاتارلىق سايلام ئورۇنلىرى تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش، نىشانلىق كۆرسىتىش، ئاساس سانغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا، مەركەزنىڭ تەلىپىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

   سالاھىيىتىنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋە «ئورنىغا سەپلەش» ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سايلام ئورۇنلىرى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، شۇنداقلا ئىشچى، دېھقان، كەسپىي تېخنىكا خادىمى قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈردى.

   جياڭسۇ ئۆلكىسى نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش جەدۋىلىنى تۈزۈپ، كۆپ سالاھىيەتكە ئىگە 36 ۋەكىل نامزاتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، كەسىپ تۈرى، خىزمەت قىلىدىغان جاي، نوپۇس خاراكتېرى قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، تەھلىل قىلدى. تيەنجىن شەھىرى 34 تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ خىزمەت ئورنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامزاتلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى، خىزمەت ھالىتى، خىزمەتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئىگىلەپ، سالاھىيىتىنى بېكىتىشنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە ئىشچى، دېھقان، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزاسىدىن 771ى بار بولۇپ، %33.7نى ئىگىلەپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىكىدىن 79 ئادەم كۆپىيىپ، 3.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلما نىسبىتىدە «ئۈچ ئېشىش، ئۈچ چۈشۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى: 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزاسى ئىگىلىگەن نىسبەت پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىكىدىن 2.8، 21.8، 1.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، رەھبىرىي كادىرلار ئىگىلىگەن نىسبەت پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىكىدىن 2.8، 21.8، 1.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

   ئايال پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلىنىڭ سانى ئاشتى. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزاسى 551 بولۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىكىدىن 30ى كۆپىيىپ، ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %24.1ىنى ئىگىلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 264 بولۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىكىدىن 15ى كۆپىيىپ، ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %11.5ىنى ئىگىلىدى.

   − دەۋر ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى، ۋەكىللەرنىڭ تارقىلىشى كەڭ، ياش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئوقۇش تارىخى قاتلىمى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرى بولدى.

   ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ۋەكىللەرنىڭ كەسپى، ساھەسى ۋە رايون تارقىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ مۇلاھىزە قىلىپ، ئىقتىساد، پەن- تېخنىكا، سىياسىي- قانۇن قاتارلىق كەسىپلەردىن، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا- بازار، كەنت- گۇرۇپپا ۋە كوچا، مەھەللە قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملاردىن، ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىن ۋەكىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ۋەكىللىرى ئىچىدە ياسىمىچىلىق، قاتناش، پولات- تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلارمۇ، پۇل مۇئامىلە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن كەلگەن كەسىپكارلارمۇ بار.

   سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 51.8 ياش. بۇنىڭ ئىچىدە 55 ياشتىن تۆۋەنلەر 1615 بولۇپ، %70.6نى ئىگىلەپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىكىدىن 5.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ 45 ياشتىن تۆۋەنلەر 424 بولۇپ، 18.5%نى ئىگىلىدى.

    سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە، ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر 2154 بولۇپ، %94.2نى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر 727 بولۇپ، %31.8نى ئىگىلىدى، ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر 1227 بولۇپ، %53.7نى ئىگىلىدى.

    ۋەكىللەر ئىچىدە ھەرقايسى دەۋرلەردە پارتىيەگە كىرگەنلەر بار، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان پارتىيەگە كىرگەنلەر 2009 بولۇپ، %87.8نى ئىگىلەپ، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلاندى.

    − پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى روشەن گەۋدىلەندى، ۋەكىللەر ئارىسىدا ئىلغار نەمۇنىچىلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى.

    ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ئىلغارلارنى كۆرسىتىش يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلغار نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرى تىزىملىكىنى ئېنىقلاپ جەملەشنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، ئىلغار نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، سىستېمىلار بىلەن بۆلەكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسىتىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى سېپىدە، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتىغا كۆرسەتتى.

    19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىچىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ھەرقايسى كەسىپتىكى ئىلغار نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرى بار. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ۋەكىللىرى ئىچىدە مەملىكەتلىك ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك، مىنىستىر دەرىجىلىك شەرەپ نامىغا ئېرىشكەنلەر %95.7نى ئىگىلەيدۇ؛ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن ۋەكىللىككە سايلانغانلارنىڭ %95.1ى 3- دەرىجىلىك تۆھپىدىن يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇقى مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە تەقدىرلەنگەن، نۇرغۇن ۋەكىل مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە قەھرىمان نەمۇنىچى ۋە داڭلىق مۇتەخەسسىس شەرىپىگە نائىل بولغان.

    مەملىكەتلىك ئىلغار پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، مەملىكەتلىك «1- ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى… ۋەكىللەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىغا يېزىلغان شەرەپلەر زامانىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىق، پاكلىقتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.

    ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى شۈ گېنباۋ 28 يىلدىن بۇيان ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى، ئۇ پۈتۈن ئۆلكىدىكى 60تىن ئارتۇق شەھەر، ناھىيەنى كېزىپ، ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئېغىر ئاغرىغان 600دىن ئارتۇق ئاغرىققا دىياگنوز قويدى ۋە داۋالىدى؛ خەلقنىڭ ياخشى شۇجىسى خې دېشىڭ 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، شەخسىي مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىپ، دۆلەت، خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئادالەتنى ياقلاپ، پۈتۈن زېھنىنى چىيى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرپ قىلدى؛ جۇڭگونىڭ بۇغداي تەتقىقاتىدىكى باشلامچى خې جۇڭخۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، جاپالىق ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، فېنوتىپ تەھلىل قىلىش بىلەن گېن باھالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جۇڭگو بۇغداي سورتى، سۈپىتىنى باھالاش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى… ۋەكىللەرنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش- پائالىيەتلىرى زامانىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالىيجاناب روھىي پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.

    2000دىن ئارتۇق ۋەكىل، 2000دىن ئارتۇق بايراق.

    ئۇلار ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق ئەمەلىي ئىشلىدى −

    19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئەنخۇي سۇجۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توكلۇق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ چىجىن 34 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، «مىخلىق روھى»نى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى بېسىملىق توكلۇق ھالەتتە رېمونت قىلىدىغان « نائۇستا»دىن «ئەليۇلئەلا دەرىجىلىك» تېخنىك ئىشچىغا ئايلاندى. پارتىيەگە كىرگىنىگە 22 يىل بولغان بۇ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى يەنە بىر قانچە تۈركۈم ئاساسىي قاتلام ئىلغار ئېلېكتىر تېخنىكىسى خادىمىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

    شۈ چىجىن مۇنداق دېدى: قەلبىمىزدىكى چىراغ ئارقىلىق باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلساق، ئۆزىمىزمۇ شۇ يورۇقلۇقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. كومپارتىيە ئەزالىرى خەلقنىڭ يورۇقلۇق، بەخت ئەلچىسى بولۇشى كېرەك.

    ئۇلار پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىرادە باغلىدى −

    19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دۆلەت چوڭقۇر دېڭىز بازىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىنژېنېرى تاڭ جيالىڭ بۇ يىل 6- ئايدا «دېڭىز ئەجدىھاسى» ناملىق چۆكمە كېمە بىلەن چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈپ پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھازىر كوللېكتىپنى باشلاپ كىچىك چۆكمە كېمىنى چۇۋۇش خىزمىتىنى ئىشلەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى چوڭ رېمونت قىلىش ۋە تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

    تاڭ جيالىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىش ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دېڭىز- ئوكيان ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

    ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا تۆھپە ياراتتى ۋە ئىگىلىك تىكلىدى −

    19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ خېجىن شەھىرى لۇڭمېن كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يۈەن گۇيشىڭ كەنت پارتكومىدىكى بىر بەنزە ئادەمنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تەرەققىياتنى پىلانلاش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە يېتەكلەپ، خۇاڭخې دەرياسى قىرغىقى، لۈلياڭشەن ئېتىكىدىكى نامرات تاغلىق كەنتنى ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان مەملىكەتلىك ئون ياخشى ھاللىق سەۋىيەلىك كەنتكە ئايلاندۇردى، كەنتتىكى ھەممەيلەن پاي ئىگىسى بولۇپ، ھەممەيلەن پايدا بۆلۈشتى، ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 25 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

    يۈەن گۇيشىڭ مۇنداق دېدى: كادىر بولغان ئىكەنمىز مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنى بېيىتىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك، شۇنداقلا بىزدە كەنتتىكى ئاممىنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىمەن.

    19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، پارتىيەمىز پۇختا سىنىپىي ئاساسقا ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈشچانلىققا، ئەبەدىي داۋاملاشتۇرىدىغان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ۋە تولۇپ تاشقان ئېنېرگىيەگە ئىگە.

    ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى، ئارزۇغا چوقۇم يېتىمىز.

    19- قۇرۇلتاينىڭ 101 ياشلىق ۋەكىلى، مەركىزىي مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى جياۋ رويۈ مۇنداق دېدى: مەن 1936- يىلى پارتىيەگە كىرگەن، پارتىيەگە كىرگىنىمگە 81 يىل بولدى. شۇنچە ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايىسىگە، ئېتىقادىغا، ئىخلاسىغا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا تاياندۇق. پۈتۈن پارتىيە، مەملىكەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بوشاشماستىن تىرىشىۋاتىدۇ، بىزنىڭ دۆلىتىمىز چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قاراپ يول ئالغۇسى.

    يەلكەننى كۆتۈرۈپ يولغا چىقىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى يارىتىمىز.

    19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ تېخنىكا پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچىسى چېن شياۋخۇا مۇنداق دېدى: بىز كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى بىزنى چاقىرماقتا. ياش بىر ئەۋلاد كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋاقىتنىڭ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز، بىز بىر ئەۋلادنىڭ شەرەپلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

    پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. ۋەكىللەرنىڭ سايلىنىش جەريانى پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە- ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسى جەريانىغا، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ جانلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ۋە دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى جەريانىغا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش جەريانىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇلدى.

    تارىخ يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ 2287 ۋەكىلى كۆتۈرەڭگۈ روھ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، يېڭى روھىي ھالەت ۋە كۈرەش ھالىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ياراتقۇسى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى