بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىش خاتىرىسى

ئالدىنقىلارغاۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى


− پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىش خاتىرىسى(1)

     تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىدە، ھەرقاچان تۈركۈم- تۈركۈملىگەن مۇنەۋۋەرلەر ئېقىمنىڭ ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ مېڭىپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدۇ؛

    مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەۋلادمۇئەۋلاد كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

    2017- يىل 9- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكى جەمئىيەتكە رەسمىي ئېلان قىلىندى.

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە مەملىكىتىمىزدىكى 40 سايلام ئورنىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق پۈتكۈل پارتىيەنىڭ ئىرادىسى مۇجەسسەملەنگەن 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىلدى. ئۇلار پۈتكۈل پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن خىللاپ سايلانغان مۇنەۋۋەرلەر، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرىجىمۇدەرىجە ئىلغىشىدا شەكىللەنگەن كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر.

    بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىش.

  89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان 2287 ۋەكىل پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيەنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلارنى تۈزۈپ، يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقىپ، «ئىككى 100 يىللىق»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.

        ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەزىپە

    − ۋەكىللەرنى ياخشى سايلاش 19- قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

    ئالتۇن كۈزدىكى بېيجىڭ كىشىلەرگە ھەمىشە ئۆزگىچە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

    2017- يىل 8- ئاينىڭ 31- كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى 2017- يىل 10- ئاينىڭ 18- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش تەكلىپى بېرىلدى.

    جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش كۈرەش تارىخى مۇھىم بىر پەيتنى كۈتۈۋالغۇسى.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز مەملىكەتلىك يەتتە قۇرۇلتاينى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ پىلانىنى قايتا- قايتا پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئاتلىنىشنىڭ ھەيۋەتلىك مېلودىيەسىنى تەكرار ياڭراتتى.

    پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە ئېچىلىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن جەسۇرانە ئىلگىرىلەش بۇرغىسى ياڭرىتىلىدۇ.

    19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملىگەن، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن. ئۇلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، قارار چىقىرىشنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، قۇرۇلتاينىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك. 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ياخشى سايلاش پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

    2016- يىلى 9 -، 10- ئايلاردا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، سايلام ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەكىتلىدى.

    2016- يىلى 10- ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، سايلام ئورۇنلىرىنى ئايرىش، ۋەكىل سانىنى تەقسىملەش، ۋەكىللىك شەرتى ۋە قۇرۇلمىسى، ۋۇجۇدقا كېلىش تەرتىپى قاتارلىق سىياسەت- بەلگىلىمىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە ئىلغارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇشنى نامايان قىلىپ، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق، تارقىلىشىنىڭ كەڭ، پارتىيە ئەزالىرى ھىمايە قىلىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

    ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى.

    مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە ھەم ئىلگىرىكى پىشقان ئۇسۇللاردا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم پارتىيە ئىچىدىكى سايلامنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، نۇرغۇن جەھەتلەر ياخشىلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

    − نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نامزاتلارنىڭ غايە- ئېتىقادى، سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى تەكشۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلدى.

    − نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلۇپ، بارلىق نامزاتلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ، «چاتاق نامزاتلارنى كۆرسىتىش»، «چاتاق نامزاتلار سايلىنىش»تىن قەتئىي ساقلىنىلدى.

    − ۋەكىللەر قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ سالمىقى مۇۋاپىق ئاشۇرۇلۇپ، نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتى توغرا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، «ئورنىغا سەپلەش»تىن ساقلىنىلدى.

    − پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، بارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىل نامزاتى كۆرسىتىشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

    − ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەكىتلىنىپ، بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قىلچە يول قويۇلمىدى، بايقالغان ھامان قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يىغىن ئېچىپ، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى ھەم سايلام خىزمىتى بويىچە كەسپىي تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەرنى سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەرتىپ ئىسخېمىسىنى تۈزۈپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى؛ ۋەكىل سايلاش جەريانىدا، سايلام ئورۇنلىرى بىلەن پىكىرلىشىش- ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار سىياسىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، خىزمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتتى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەستىقلىغان تەشۋىقات لايىھەسىگە ئاساسەن، ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، سايلام خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىشقا تەشكىللىدى.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2016- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى پۈتكۈل پارتىيە دائىرىسىدە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. سايلام ئورۇنلىرى ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، پۇختا قانات يايدۇردى.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بەس- بەستە قاتنىشىپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەپ، غايەت زور ئاكتىپ كۈچ ئۇيۇشتۇردى.

         ياخشىلار ئىچىدىن مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاش ئۆلچىمى

    − 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى كومپارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قاتلاممۇقاتلام تەكشۈرۈپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، پارتىيە ئەزالىرى ھىمايە قىلىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلدى

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە، جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشتا پارتىيەنىڭ خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلغارلىق، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇشنى نامايان قىلىش زۆرۈر.

   گۇڭ دېلىڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ لۇشى ناھىيەسىدىكى يۈەننەن مەكتىپى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇ بۇ قېتىم شەرەپ بىلەن 19- قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى. ئۇ 1987- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تاغلىق رايون مائارىپىغا ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 30 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، نامرات تاغلىق كەنتنىڭ مائارىپى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۈنسىز تۆھپە قوشتى. ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا، گۇڭ دېلىڭ ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، جەمئىي 30 پارچىدىن ئارتۇق تەكلىپ ياكى تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىكنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ كەلدى.

   جياڭشى ئۆلكىسى گۇڭ دېلىڭغا ئوخشاش ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىدىن ۋەكىل سايلاپ چىقىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغارلىق، كەڭ دائىرىلىك، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەقدىرلەنگەن ئىلغار، ئۈلگىلىك شەخسلەر ئىچىدىن بىر تۈركۈم ئىشچى، دېھقان، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىق مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەكىل نامزاتى كۆرسىتىشتە پايدىلىنىشىغا سۇندى.

   مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا سايلام ئورۇنلىرىمۇ جياڭشىغا ئوخشاش، مەركەز بەلگىلىگەن ۋەكىللەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك بەش شەرتكە ئاساسەن نامزات كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشىلار ئىچىدىن مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاپ، غايە- ئېتىقادى مۇستەھكەم، سىياسىي مەيدانى توغرا، ئىستىل- پەزىلىتى ياخشى، خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك پارتىيە ئەزالىرىنى كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى.

   مەركەز بەلگىلىگەن ۋەكىللەر شەرتىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، بەزى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر شەرتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈردى ۋە نامزاتلارنى كۆرسىتىش جەريانىدا ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى.

   چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا ئىنچىكە بولۇش كېرەك، يۇقىرى تەلەپ بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

   قاتتىق تەلەپ نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.

   سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي مەسىلىنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەڭ تۈپ چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ماركسىزملىق پارتىيە بولغان پارتىيەمىزنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەندە، باشقا ھەرقانداق ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ.

   19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش جەريانىدا ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامزاتلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، غايە- ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق ئىگىلىدى.

   خېنەن، چىڭخەي قاتارلىق جايلار نامزاتلارغا قويۇلغان سىياسىي ئۆلچەم توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي مەيدانى تۇراقسىز، سىياسىي قارىشى مۈجمەل، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا قەتئىي بولمىغان كىشىلەرنى قەتئىي ئىشىك سىرتىدا قالدۇردى. خېبېي ئۆلكىسى « پاسسىپ تىزىملىك» تۈزۈپ، ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسىتىشكە بولمايدىغان 13 خىل ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردى.

   سىياسىي ئۆلچەم باشتىن- ئاخىر «قاتتىق ئۆلچەم» قىلىنىپ، سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلدى. سىياسىي جەھەتتە مەسىلىسى بارلار بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىندى.

   قاتتىق بولۇش نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەشتە گەۋدىلەندى.

   گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مېڭشەن ناھىيەسى مېڭشەن بازىرى بېيلۇ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شۇشىن ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئۇنى تەشكىلىي جەھەتتىن قاتتىق تەكشۈردى.

   تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 4- باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چۈەن يۈفېي مۇنداق دېدى: بىز ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 45 كىشى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئاممىدىن تولۇق پىكىر ئالدۇق. ئۇنى پاكلىق جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا ئۇ تۇرۇشلۇق يېزا- بازارلىق پارتكوم شۇجىسى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۈجىسى «ئىمزا قويۇپ» ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدۇق. نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆزىتىش، تەپتىش قىلىش، يىللىق باھالاش قاتارلىق نەتىجىلەردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالىنىش ئەھۋالىنى، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا پارتىيە ئەزالىرى، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ھەربىر نامزاتنىڭ پاكلىق ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.

   تەكشۈرۈلىدىغان بارلىق ئوبيېكتلارنىڭ ئارخىپ، ماتېرىياللىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ پىكرىنى جەزمەن ئاڭلاش، قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش يىپ ئۇچى توغرىسىدىكى كونكرېت ئەرزىيەت- پاش قىلىش ئەھۋاللىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى جەزمەن تەكشۈرۈش… سايلام جەريانىدا ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى «تۆت جەزمەن» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامزاتلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى. كارخانا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋەكىللەر نامزاتىغا قارىتا يەنە سودا- سانائەت، باج، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ساھە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى ئالدى.

   مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋەكىل نامزاتلىرى ئىچىدىكى بارلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى شەخسنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى. مەسىلىسى بولۇپ ۋەكىل نامزاتى بولۇشقا ماس كەلمىگەنلەر ۋاقتىدا تەڭشەلدى.

   پاك- دىيانەتلىك بولۇش تەلىپىنى پىرىنسىپ تۆۋەن چېكى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماي، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، پاك- دىيانەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى سايلاشقا كاپالەتلىك قىلىندى. پاكلىق جەھەتتە چاتىقى بارلار قەتئىي ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇلدى.

   تەكرار تاسقاش ئارقىلىق ئالتۇنغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

   مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سايلانغان ۋەكىللەر ئومۇمىي جەھەتتىن مەركەز بەلگىلىگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن، ئۇلار بىر قەدەر يۇقىرى ئىدىيەۋى- سىياسىي ساپاغا، ياخشى ئىستىل، ئەخلاق- پەزىلەتكە ۋە بىرقەدەر كۈچلۈك مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان. 19 – قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن ئىلگىرى 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى يەنە سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرىدۇ.

        دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى

         − 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ۋەكىللەر سايلىمىنى دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش جەريانىغا ئايلاندۇردى

   دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ياخشىلىرىنىڭ ئىچىدىن مۇنەۋۋەرلەرنى تاللىغىلى، تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلغاندىلا، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

   مەركەز مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ بېكىتىش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن بىرلىشىش، قايتا- قايتا مۇزاكىرە قىلىش، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش چارىسىگە ئاساسەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش كېرەك، كونكرېت تەرتىپى نامزات كۆرسىتىش، تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، ۋەكىللەر نامزاتىنىڭ دەسلەپكى نامزات ئىسىملىكىنى بېكىتىش، ۋەكىللەر نامزاتىنىڭ تەييارلىق نامزاتىنى بېكىتىش، يىغىندا سايلاشتىن ئىبارەت بەش ھالقىغا بۆلۈنگەن.

   ھەممە ھالقىلارنى ئۆزئارا باغلاش، ئەتراپلىق، تەرتىپلىك بولۇش تەرتىپى ئارقىلىق دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپى تولۇق نامايان قىلىندى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى قوزغىتىلدى.

   − چوڭقۇر سەپەرۋەر قىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇلدى.

   ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئاراشان ئايمىقىنىڭ يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ، ئايماقلىق پارتكومنىڭ تەشكىللەش، كۆرسىتىش گۇرۇپپىسى نەچچە ئون كۆچمە بېلەت ساندۇقىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئايماقتىكى 270 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى ئايلىنىپ، چەت- ياقا يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى نامزات كۆرسىتىشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

   «پارتىيە تەشكىلاتى مېنىڭ سايلاش ھوقۇقىمغا تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ كاپالەتلىك قىلدى، ئۇلار مېنىڭ نامزات كۆرسىتىش پىكرىمگە مۇشۇنداق ئەھمىيەت بېرىۋاتسا، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويسام قانداق بولىدۇ». ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئاراشان ئايمىقىدىكى 69 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە 85 ياشلىق موڭغۇل پارتىيە ئەزاسى بەي شۈن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بىرمۇبىر تولدۇرغاندىن كېيىن، 19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى نامزاتىنى كۆرسىتىش بېلىتىنى بېلەت ساندۇقىغا تاشلىدى.

   سايلام جەريانىدا ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدىكى پارتىيە دەرسى، تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، قوللانما بېسىپ تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى مەركەزنىڭ 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم روھى ۋە سىياسەت، بەلگىلىمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، توغرا ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى؛ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋالنى خەۋەرلەندۈرۈش، سىن ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار، تېلېفون ئالاقىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى نامزات كۆرسىتىشكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

   كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى ۋە ياشانغان، تېنى ئاجىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا فۇجيەن، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالدى. سىچۈەن ئۆلكىسى «ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈردى، خۇبېي ئۆلكىسى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى قاتناشتۇردى. مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى قاراشلىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، سەپەرۋەر قىلىپ، نامزات كۆرسىتىش ھالقىسىنىڭ قەدەم- باسقۇچلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈردى؛ سودا – سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تارماق بانكا، 2- دەرىجىلىك شۆبە بانكا، 1- دەرىجىلىك شۆبە بانكىلاردا نامزات كۆرسىتىشنى پۇختا تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قاتنىشىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %99.2كە يېتىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىكىگە قارىغاندا 1.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى