بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شەھەر–يېزىلارنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىگە نەپ يەتكۈزدى

    ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: فۇكاڭ شەھىرى ‹‹قۇياش نۇرى›› مەھەللىسىدىكى ئىبراھىم 9–ئاينىڭ 23–كۈنى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەپىلىك مەھەللىدە ئولتۇراتتۇق، يازدا يامغۇر ياغسىلا يوللار پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، قىشتا مۇز تۇتۇپ كەتكەچكە يولدا ماڭماق تەس ئىدى، بۇ يىل 8–ئايدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم. ھازىر ئىشىكتىن چىقساقلا كەڭرى ئاسفالت يولغا چىقىمىز، بازارمۇ يېقىن، قاتناشمۇ قولايلىق.

    ئىبراھىم فۇكاڭ شەھىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ بىرى ئىدى. فۇكاڭ شەھىرى بۇ يىل شەھەر بويىچە مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن، كەپە ئۆيلەر كۆپ ھەم زىچ جايلاشقان، سېلىنغىنىغا ئۇزاق يىل بولغان 19 كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈشكە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 3 مىليارد 807 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 6000 ئائىلىلىك كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويدى. ھازىر كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاش نىسبىتى %90.2 كە يېتىپ، 3600 ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

    پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزىلاردا ئەمىن ئۆيدىن 1 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش سالدى، 6 مىليونغا يېقىن دېھقان–چارۋىچى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ ھەر خىل كەپىلىك مەھەللىدىكى 929 مىڭ 700 يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، كەپىلىك مەھەللىدىكى 2 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك ئاھالە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىدىن 820 مىڭ 500 يۈرۈش سېلىنىپ، شەھەر–بازارلاردىكى 2 مىليوندىن كۆپرەك ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى–خىزمەتچىلەر، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى. 3 مىليون يۈرۈشتىن كۆپرەك ئەمىن ئۆي سېلىش ئارقىلىق، 10 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالە خەتەرلىك، كونا كېسەك ئۆي ۋە كەپىلىك مەھەللە بىلەن خوشلىشىپ، ئازادە ۋە يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

    يېزىلاردا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى ئاممىنى بىخەتەر، ئازادە ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش بىلەن بىللە، ‹‹ئىش ۋە ئەمگەك سېلىنمىسى، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جەمئىيەت قوللاش، كارخانا ياردەم بېرىش›› قاتارلىق تېخىمۇ جانلىق ئۆي سېلىش ئۇسۇلى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارلىق تۆت خىل نۇقتىلىق ئوبيېكتنىڭ ‹‹ئاز پۇل خەجلەپ ياكى پۇل خەجلىمەي›› يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى؛ تەربىيەلەش+كۆچۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىش تېخنىكىسى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى. شەھەر–بازارلاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپلا قالماي، يەنە، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ياسىمىچىلىق، ساياھەتچىلىك، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئائىلە جابدۇقلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، بېزەكچىلىك، خەۋەرلىشىش، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردا 2017–يىلى 25 مىڭ 900 يۈرۈش تاۋار ئۆي قايتۇرۇپ سېتىۋېلىندى، ئاھالىلەر سېتىۋالغان 8000 يۈرۈش تاۋار ئۆي كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي مەنبەسى قىلىنىپ، تاۋار ئۆيلەرنىڭ زاپاس ساقلىنىشى يەنىمۇ ئازايتىلىپ، ئۆي–زېمىن بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى