بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو، خۇاڭ شيەنچى سۆز قىلدى

    ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 9–ئاينىڭ 26–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى›› ناملىق كىتابنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ شيەنچى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى.

    سۆھبەت يىغىنىدا ‹‹ئۆگىنىش ۋاقىت گېزىتى››، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى سۆزلىدى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى›› ناملىق كىتابتا، ھەقىقىي تارىخىي تەپسىلاتلار ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى ‹‹جاپادا چېنىقىش، ھېرىش–چارچاش، ئاچ قورساقلىق، نامراتلىققا بەرداشلىق بېرىش››تەك تاۋلىنىش تارىخىي ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيالىي ياش مەزگىلىدىكى جاپالىق تۇرمۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ كىتاب زامانىمىزدىكى ياشلارنىڭ توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇشى، ئېگىلمەس–سۇنماس ئىرادە بىلەن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىدىكى جانلىق دەرسلىك، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىدىكى جانلىق ئۈلگە، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىشى كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش نەمۇنىچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يادرونى ئىدىيە جەھەتتىن تونۇپ، سىياسىي جەھەتتىن قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا ئەگىشىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىككىنچى، غايە–ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش نەمۇنىچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، كاللىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىدىن ئىبارەت ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي قوراللاندۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى جەھەتتىن كالتسىي تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش؛ ئۈچىنچى، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش نەمۇنىچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى، خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ھەر مىللەت ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش؛ تۆتىنچى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش نەمۇنىچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، ‹‹ئىككى بولسۇن››نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇپ، راستچىل–ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش؛ بەشىنچى، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش نەمۇنىچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، بارلىقىنى پارتىيە، ۋەتەنگە ئاتاش، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسى ۋە روھىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ، قۇربان بېرىپ، تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش؛ ئالتىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش نەمۇنىچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي كۆزلەپ، چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، باش نىشاننى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

    خۇاڭ شيەنچى مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى›› ناملىق كىتابنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش؛ كىتابتا نامايان قىلىنغان ياش شى جىنپىڭنىڭ ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان غايە–ئېتىقادى، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى كۆزلەشتەك ۋەتەن–يۇرت مۇھەببىتى، تىرىشچان، بىلىمخۇمار، ئالغا ئىنتىلىش روھى، راستچىل–ئەمەلىيەتچىل بولۇش ياخشى ئىستىلى، جاپا–مۇشەققەتكە چىداش ئېسىل پەزىلىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ‹‹مەنىۋىيىتى›› نى بېيىتىپ، مەنىۋى مەنزىلى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى روھىي قىياپەت ۋە كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى