بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شى جىنپىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ 86- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش،قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىش تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ 86- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش،قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىش تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى تەكىتلىدى

f201709271013120346702015

   دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭدا دۆلەت يىغىن مەركىزىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ 86- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قولمۇقول تۇتۇشۇپ، دۇنيا بىخەتەرلىكىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭدا دۆلەت يىغىن مەركىزىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ 866- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قولمۇقول تۇتۇشۇپ، دۇنيا بىخەتەرلىكىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىش تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

    سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

    ھۆرمەت قاراۋۇللىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ھەم خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىرگەندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مارشى ئورۇندالدى.

    شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى قۇرۇلغان 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ساقچىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جىنايەتلەرگە ئورتاق زەربە بېرىشتە ئاجايىپ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگونىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى 1984- يىلى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي مىزانى ھەم نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساقچىلىرى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى دۇنيادا، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك، دۆلەت ھالقىش، كۆپ خىللىق خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان زور مەسىلە. تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك؛ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق بولمىسا، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەڭ پايدا ئېلىش تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ساقچى ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇنداق تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    بىرىنچى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەلگىلىشى، دۇنيا ئىشلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق كېڭىشىشى كېرەك. بىخەتەرلىك مەسىلىسى قوش يۆنىلىشلىك، ھەمتۈرتكىلىك بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقى شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. چوڭ دۆلەتلەر ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىنى تۈزەشكە كەڭ ھەم باراۋەر قاتنىشىشىنى قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، سىجىل دۇنيا بىخەتەرلىكى قارىشى ھەم بىخەتەرلىك جەھەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىخەتەرلىك ئارقىلىق تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە ئۇزاققىچە بىخەتەر ۋە مۇقىم بولغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۇنيا بىخەتەرلىكىنى تۈزەش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلاتلار بىخەتەرلىكنى تۈزەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلار، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر، خەلق تەشكىلاتلىرىنى بۇنىڭغا پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى تۈزەيدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. دۇنياۋى تۈزەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى تۈزەش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى تۈزەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، دەللىكى، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش ئىنسانلار سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، زامانىۋى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى. دۆلەتلەر ئارا قانۇن ئىجرا قىلىش، بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش، ھەم خەلقئارا قانۇننى باراۋەر، بىردەك تەتبىقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق كەلمىسە تاشلىۋېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. ب د ت نىزامنامىسى ھەم خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئەھدىنامىسى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئالاقىدار خەلقئارا قائىدىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئادىللىقى ۋە مۇۋاپىقلىقىغا، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    تۆتىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭپۇڭ ھەم ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئىككى تەرەپ تەڭ پايدا ئېلىش، كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىش، تەڭ پايدا ئېلىش قارىشىنى قەتئىي تۇرغۇزۇپ، ئۆز بىخەتەرلىكىنى كۆزلەش بىلەن بىللە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، تىرىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان بىخەتەرلىك يولىدا مېڭىشى كېرەك. پەقەت ھەققانىيەت، مەنپەئەتكە تەڭ ئېتىبار بەرگەندىلا، ئاندىن ھەققانىيەت، مەنپەئەتكە تەڭ ئېرىشكىلى بولىدۇ، پەقەت ھەققانىيەت، مەنپەئەت تەڭپۇڭ بولغاندىلا، ئاندىن ھەققانىيەت، مەنپەئەتتە تەڭ پايدا ئالغىلى بولىدۇ. توغرا بولغان ھەققانىيەت، مەنپەئەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات جەھەتتە تەرەققىي تاپمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوللىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۇنياغا قوشقان تۆھپە، ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ دۇنياغا قوشقان تۆھپە. خەلقنى بىخەتەر، مۇقىم بولغان ياشاش، تۇرمۇش مۇھىتىدىن بەھرىمەن قىلىش جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم نىشانى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئەمىن جۇڭگو، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە مۇداپىئە كۆرۈش- تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ھەم ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ھازىر جۇڭگو جەمئىيىتى تىنچ ۋە تەرتىپلىك بولۇپ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، بارغانسېرى كۆپ كىشى جۇڭگونى«دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى» دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا قوشقان تۆھپىسى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشتىن- ئاخىر ياخشى ئادا قىلىپ، خەلقئارا قائىدىگە رىئايە قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا بىخەتەرلىكىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىۋاتىدۇ ھەم شۇنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللاپ، تور جىنايىتىگە زەربە بېرىش جەھەتتە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدىغان، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەيدىغان خەلقئارا زەھەر چەكلەش ھەمكارلىق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، خەلقئارادا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇردى، ب د ت، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو- ش ج ئا د ئى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىققا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، مېكوڭ دەرياسى ۋادىسىدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يېڭى ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بىخەتەرلىك كارىدورىدا خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق مۇنبىرىنى قۇردى. جۇڭگو ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىنى قەتئىي قوللىغان ھەم پائال قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت ئىچىدە ئەۋەتكەن تىنچلىق ساقلاش خادىمى ئەڭ كۆپ دۆلەت.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىنى تۈزەشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ھەرىكەتلىرىنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يولى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش نىشانىغا يېتىشتە ھەرقايسى دۆلەتلەر بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بارلىق ئەزا دۆلەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئاپپاراتلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، دۇنيا بىخەتەرلىكىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىيجاناب ئىشلارغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

    خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مېڭ خۇڭۋېي ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھەم باش كاتىپى قاتارلىقلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۇن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى دۇنيادىكى قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئەزالىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، ۋەكىللىك خاراكتېرى ئەڭ زور خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق تەشكىلاتى. خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ 86- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 9- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، 158 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن قانۇن ئىجرا قىلىدىغان زاتلار، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)


  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى