بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شىنجاڭدا ئۆز قەرەلىدە تەكشۈرۈلمىگەن ئاپتوموبىللار يولغا چىقىپ تۇتۇلۇپ قالسا رەسمىي جازالىنىدۇ

شىنجاڭدا ئۆز قەرەلىدە تەكشۈرۈلمىگەن ئاپتوموبىللار يولغا چىقىپ تۇتۇلۇپ قالسا رەسمىي جازالىنىدۇ

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئۆز قەرەلىدە تەكشۈرۈلمىگەن ئاپتوموبىللار يولغا چىقسا شىنجاڭ قاتناش ساقچى تارماقلىرى 200 يۈەن جەرىمانە قويۇپ، ئۈچ نومۇر تارتىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 21-سېنتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ بويىچە ھەر دەرىجىلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئۆز قەرەلىدە تەكشۈرۈلمىگەن ئاپتوموبىللارنى جازالاشنى باشلىغان بولۇپ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئېلېكتىرونلۇق ساقچى ئارقىلىق 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

   بۇنىڭدىن كېيىن، ئۆز قەرەلىدە تەكشۈرۈلمىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولغا چىققاندا ئېلېكتىرونلۇق ساقچى تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىلغان بولسا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى قىسقا ئۇچۇر، تېلېفون ۋە ئۇقتۇرۇش ئۇسۇلىدا ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ئۇقتۇرىدىكەن.  ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەكشۈرۈلمىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىراك قىلىدىكەن.


(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى