بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى

     شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 21 – كۈنىگىچە ئايرىم – ئايرىم قومۇل، تارباغاتاي، بورتالا، تۇرپان، بايىنغولىن، قاراماي، ئالتاي، قىزىلسۇ، سانجىدىن ئىبارەت توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى باھالىدى.

     قومۇل شەھىرى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. شاۋكەت ئىمىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، قومۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىش؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تۇتۇپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ پارتىيەنىڭ ئومۇمىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دائىم خەلقنى ئويلاش ھېسسىياتىدا بولۇش، دائىم خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش، دائىم خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى پىلانلاش؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. لى شۆجۈن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم تۆۋەندىكىدەك بەش نۇقتىلىق تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىزچىل يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ ئىككىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىز بولۇش ۋە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ ئۈچىنچى، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش؛ تۆتىنچى، ئادەم تاللاش ئۆلچىمىنى چىڭىتىش، كادىرلار قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى تۇرغۇزۇش؛ بەشىنچى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

     بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. ئەركىن تۇنىياز بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىغا مۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ باش نىشاننى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ›› ۋە ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى ياخشى قىلىش؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق ئىدارە قىلىش؛ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 20 – كۈنىگىچە تۇرپان شەھەرلىك ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. ما شۆجۈن بۇ ئىككى جايدىكى پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئېچىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، شۇڭا ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش چېن چۈەنگونىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ھەقىقىي ياخشى ئېتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››دا كۈچلۈك، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە ئۈلگىلەردىن بولۇشقا تىرىشىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن قىزغىن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى، يېتەكچىلىك قىلدى ھەم مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. تيەن ۋېن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەۋى ساپانى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىرادىنى كۈچەيتىش؛ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى بىلىپ، ئىنتىزامنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بويسۇنۇش؛ ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى تۇرغۇزۇش؛ پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ۋە 21 – كۈنى ئايرىم – ئايرىم ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزالىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. لو دۇڭچۈەن بۇ ئىككى جايدىكى پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش؛ دىققەتنى ۋە كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ يىللىق پىلان›› نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش؛ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىش، ساختىپەزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سارقىت ئاقان 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. سارقىت ئاقان مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي جەھەتتە زېرەك، ئېتىقاد جەھەتتە سادىق، ھەرىكەت جەھەتتە سەمىمىي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئىستىل جەھەتتە ئەمەلىي ئىشلىيەلەيدىغان، خەلق بىلەن سىرداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىنتىزامدا تەلەپچان، پاكلىق جەھەتتە پاكىز كىشىلەردىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى