بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 38 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، شۇنداقلا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھات خىزمىتى، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 38 – قېتىملىق يىغىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، ھازىرقى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شۇجى مېڭ جيەنجۇ ۋە مىنىستىر گو شېڭكۇننىڭ تەلىپى بويىچە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش؛ دىققەتنى باش نىشانغا تېخىمۇ زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زېھىننى باش نىشانغا تولۇق مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ تېخىمۇ قەتئىي ھالدا ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئالتىنى ياخشى تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››، ‹‹بىر نورمال ھالەت››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش؛ ئىككى قولدا تۇتۇشنى تېخىمۇ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بىر قولدا تەرەققىياتنى، بىر قولدا مۇقىملىقنى تۇتۇش، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈزلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ، پىلان تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، كۆپ نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرىلەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك›› خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىغان ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قەيەردە زىددىيەت ۋە مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ تۈردىكى ئىسلاھاتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش؛ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىشنى چىرايلىق باشلاپ، چىرايلىق ئاخىرلاشتۇرۇش، ماھىرلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت قىلىپ ئىشلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى تېز، پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش؛ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى مۇستەھكەملەش، ئىسلاھاتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىدا ئىككى يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نىشان – ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك. غايە ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز كېرەك؛ توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇشىمىز ۋە مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك؛ ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىق››نى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك؛ باش نىشانغا بويسۇنۇپ، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ دىققىتىنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى يەنىمۇ قوزغىتىشىمىز كېرەك؛ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تۈرگە ئايرىپ رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىسلاھات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسىنى بېيىتتى، راۋاجلاندۇردى، بۇ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى قايتا سەپەرۋەرلىك، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئېتىقاد جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك؛ دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى قوغداپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشىمىز، ئۇلارنى جامائەت پاراۋانلىقى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز ۋە قوللىشىمىز كېرەك؛ ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ھەرقايسى دىنلارغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك؛ دىن خىزمىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى، شۇنداقلا دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تەڭشەش كېرەك؛ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.


(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)


  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى