بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كورلا نەشپۈتلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاراپ «ئۇچتى» كورلا ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى

كورلا نەشپۈتلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاراپ «ئۇچتى»

كورلا ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى

f201709201836478246701862

    1- ئاۋغۇستتىن 31- ئاۋغۇستقىچە، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئايلىق چىقىرىلغان يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى 842 مىڭ 185.5 كىلوگرام بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %58.2 ئاشتى، كورلا نەشپۈتىنىڭ ئۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كېيىنكى ئايلاردىكى يۈك مىقدارى يەنىمۇ ئاشىدۇ … مۇخبىرنىڭ 17- سېنتەبىر كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، مېۋە- چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىدىغان ئالتۇن كۈز پەسلى كىرىشى بىلەن، نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئايروپىلان بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە «ئۇچۇپ»، ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش مىقدارى كۈندىن كۈنگە ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرى كېڭەيگەن.

    مۇخبىر 17- سېنتەبىر سائەت 20لەردە كورلا ئايرودۇرۇمىدىكى يۈك توشۇش كەسپىنى بېجىرىش نۇقتىسىدا ئاپتوموبىللارغا بېسىلغان نۇرغۇن يۈكنىڭ بۇ يەرگە ئارقا- ئارقىلاپ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بۇ يۈكلەرنى تۈرگە ئايرىپ، تىزىملاپ، ئايروپىلان سۇپىسىغا توشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كورلا ئايرودۇرۇمى مېۋە- چېۋە پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە بارىدىغان نۇرغۇن لىنىيەنى ئاچقان، لىنىيە بايلىقى ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، توشۇلىدىغان يۈك مىقدارىمۇ كۈندىن- كۈنگە كۆپەيگەن. بولۇپمۇ، سەپەردىن كەلگەن يۈك- پوچتا يوللانمىسى ۋە ئۇلاپ توشۇش يۈك مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالقات بىر قەدەر كۆپ توشۇلغان. سەپەردىن كەلگەن يۈك- پوچتا يوللانمىسى ئىچىدە ھەر قايسى تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ يۈكلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە، كورلا نەشپۈتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈش پەسلى يېتىپ        كەلگەن بولۇپ، كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا يۈك مىقدارىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى