بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زۇ لىڭچۈن

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زۇ لىڭچۈن


    يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى جەڭگىۋارلىقى ۋە قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارقا- ئارقىدىن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، مەيدانىنى ئېنىق شەرھلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھىيلە- نەيرەڭلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى كۈچلۈك ئېتىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ توپلىدى. مەن پارتىيەلىك خەنزۇ كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيە، نەزەرىيە شەمشىرىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئۈزلۈكسىز دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»قا ئائىت تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ئەڭ كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بىر مەيدان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشى قوزغاپ، باش نىشانغا يېتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى توپلايمەن.

    «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىمىز بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تەلتۆكۈس تازىلانمىغانلىقى بىر مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر خەلق ئاممىسى ئارىسىغا، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنغان، «ئۈچ خىل كۈچ»كە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تېخىمۇ پۇختا نىقابلانغان، تېخىمۇ چوڭقۇر يوشۇرۇنغان، ئۇلار تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر، تەسىرى تېخىمۇ چوڭقۇر. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوقىتىلمىسا، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش تەس بولىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئۇزاققىچە قوغدىغىلى بولمايدۇ؛ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قېزىپ چىقىلمىسا، ئەسەبىي ئىدىيەنى يىلتىزىدىن يوقاتقىلى، جەمئىيەتنى تۈپتىن تۈزىگىلى بولمايدۇ؛ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوقىتىلمىسا، قوشۇننى ساپلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن بولىدۇ. بىز چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ھايات- ماماتلىق سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق مۇرەسسە قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس تازىلىمىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ»نى پاكىز يوقاتمىغىچە بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك.

    ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىشتىكى پۇختا ئاساس ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن.

    خوتەننىڭ تارىخى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق گۈللەندۈرگەن تارىخ، ھەر مىللەت خەلق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلغان تارىخ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىققا قارشى تۇرغان تارىخ. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ياردەملىشىپ، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزئارا ياردەملەشكەنلىكتىن، خوتەندە بۈگۈنكىدەك جۇشقۇن تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار شىنجاڭ تارىخى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى ئىزچىل مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، ئارازلىقلارنى يوقىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ساقلىغۇچىلاردىن، قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

    ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق تونۇپ، ۋەزىپەمنى، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق، ياخشى ئادا قىلىمەن.

    مەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەت، بۇرچۇمنى ئىزچىل ئەستە مەھكەم ساقلاپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقىمنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تازىلاش كۈرىشىگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن پائال ئاتلىنىپ، سادىق بولۇش، پاك بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش توغرىسىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدەمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى