بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شىنجاڭدا ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلىدۇ

تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تۈرلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە


 لۈ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: G219 لىنىيەسى چۆچەك–چاغانتوقاي تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى 3–توختام بۆلىكىنىڭ باش ئىنژېنېرى دۈەن ۋېي 9–ئاينىڭ 18–كۈنى تېلېفوندا: ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق پۈتتۈرۈشكە تىرىشىمىز، دېدى. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جاي–جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىزغىنلىقى قوزغاپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تورىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى بەرپا قىلىشقا قاراپ تېز ئىلگىرىلىدى.

 شىنجاڭ ئۇزاقتىن بۇيان دۆلەت قاتناش تورىنىڭ غەربتىكى ‹‹ئاخىرقى ئۇچى›› بولۇپ كەلگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ قاتناش تەرەققىياتىنى يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. 2012–يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ يول تورى ئومۇمىي مۇساپىسى 2011–يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 154 مىڭ 900 كىلومېتىردىن 182 مىڭ 100 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلدى، بەش يىلدا يېڭىدىن 27 مىڭ 200 كىلومېتىر يول ئۇزارتىلدى، خوتەنگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياسىلىۋاتقاندىن سىرت، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى؛ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ مۇساپىسى تېز ئاشتى، 2016–يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول مۇساپىسى 6166.4 كىلومېتىرغا يەتتى. لەنجۇ–شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 2014–يىلى قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولى ‹‹ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل دەۋرى››، ‹‹ئادەتتىكى تېز پويىز دەۋرى››دىن ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن دەۋر››، ‹‹تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرى››گە قەدەم قويدى؛ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىدە دۆلەت ئىچى–سىرتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 224ى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشى كەسپىدە تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، 2016–يىلى كىرىپ–چىققان يولۇچى 27 مىليون 846 مىڭ (قېتىم)غا، يۈك، يوللانما كىرىش–چىقىش مىقدارى 182 مىڭ توننىغا، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش–قونۇش سانى 330 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، 2012–يىلىدىكىدىن ئايرىم–ئايرىم %61.18، %27.27 ۋە %81.32 ئاشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننى دۆلەت قاتناش تورىنىڭ ‹‹ئاخىرقى ئۇچى››دىن ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەنگەن قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچىدى. شىنجاڭنىڭ قاتناش تارماقلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ زور قىزغىنلىق بىلەن قۇرۇلۇش قاينىمىغا ئاتلاندى، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە 114 مىليارد 706 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىللىق پىلان ۋەزىپىسىنىڭ %57.2ىنى ئورۇندىدى، بۇ، 2016–يىلىدىكى يىللىق سېلىنما سوممىسىنىڭ 3.2 ھەسسىسىگە تەڭ.

 قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىر–بىرلەپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، تۆمۈريول ۋە ئاۋىياتسىيە تورى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش يولى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىدىغان ئاسىيا، ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇشقا باشلىدى.


(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى