بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتاب 1 مىليون 500مىڭ پارچىگە يېقىن تارقىتىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 18–كۈنى تېلېگراممىسى. ‹‹خەلق گېزىتى›› ئىدارىسى تەشكىللەپ تۈزگەن، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتاب بۇ يىل 6–ئايدا نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، 1 مىليون 500 مىڭ پارچىگە يېقىن تارقىتىلدى. كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق قارىدى: بۇ كىتاب ناھايىتى چۈشىنىشلىك، تىلى ئىخچام، مەزمۇنى چوڭقۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئاممىباب ئوقۇشلۇق، جانلىق ماتېرىيال ئىكەن.

 خەلق نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چۈنشىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىش نەشرىياتچىلىقتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت. شۇڭا بىز بۇ جەھەتتىكى كىتابلارنى ياخشى نەشر قىلىش ئۈستىدە ئىزچىل ئويلاندۇق ۋە ئىزدەندۇق، ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتابنى ياخشى نەشر قىلىش كىتاب تۈزگۈچىلەر ۋە نەشر قىلغۇچىلارنىڭ ئورتاق غايىسى ۋە ئىنتىلىشى بولدى.

 ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتابتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش ۋە جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ناھايىتى جايىدا بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇ ھەر ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ، ئۇنىڭدا نۆۋەتتىكى زور باش تېمىلىق نەشر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە يېڭىلىق يارىتىش نامايان قىلىنغان.

 لى چۈنشىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭىلىق يارىتىش باش تېمىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ياخشى چىقىرىشنىڭ مۇھىم شەكلى، ئۇ يېڭى مەزمۇن، يېڭى نۇقتا، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قۇلىقىغا، كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭىپ كىرەلەيدۇ.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى، ماقالىلىرىدە ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۆزلىمەكچى بولغان ۋەقەنىڭ چوڭقۇر مەنىسى چۈشەندۈرۈلۈپ، كىشىلەر تەسىرلەندۈرۈلىدۇ، چوڭقۇر ئىدىيە، ئابستراكت نەزەرىيەلەر جانلىق ھېكايىلەر، ئەمەلىي مىساللارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىلىدۇ. ‹‹خەلق گېزىتى›› ئىدارىسى ئوبزور بۆلۈمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ۋە ماقالىلىرى ئارىسىدىن 100 نەچچە ھېكايىنى تاللاپ، مۇكەممەل يوسۇندا ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزگەن ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەرگەن.

 ‹‹خەلق گېزىتى›› ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ ھېكايىلەرگە جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ‹‹يولى››، ئىسلاھات، تەرەققىيات ‹‹يولى››، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ‹‹يولى›› سىڭدۈرۈلگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى خاتىرىلەنگەن، ھېكايىلەر كونكرېت ۋە جانلىق، ئاممىباب ۋە چوڭقۇر، ئۇنىڭدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يەنە بىر يول ئېچىلغان.

 ياڭ جېنۋۇ مۇنداق دېدى: ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتابنى تۈزۈپ، نەشر قىلدۇرۇشىمىزدىكى مەقسىتىمىزمۇ دەل شۇ، ھېكايىنىڭ تىل شارائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلىش، ھېكايىدىكى ئۇچۇرلارنى موللاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتابنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرى ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.

 مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇر، تىلىنىڭ ئاممىباب–چۈشىنىشلىك بولۇشى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇنىڭ كۈچلۈك بولۇشى مەزكۇر كىتابنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. مەيلى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، مەيلى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ياكى ئوقۇغۇچىلار، ئامما بولسۇن، بۇ كىتابنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ، شۇنداقلا ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدۇ.

 شاڭخەي شەھەرلىك ئاخبارات–نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈ جيۇڭ مۇنداق قارىدى: بۇ كىتاب ئاممىغا يېقىنلاشقان، كىتابتا ھېكايە ئارقىلىق پاكىت ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش ئادىتى ۋە قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان بولغاچقا، مۇشۇنداق ياخشى تارقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

 دۆلەت ئاخبارات–نەشرىيات–رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شاڭجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھاللا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، بۇ كىتاب دۆلەت ئىچىدە ئىزچىل بازىرى ئىتتىك بولۇپلا قالماي، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن چەت ئەل نەشرىيات ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان، چەت ئەلدىكى داڭلىق نەشرىيات ئاپپاراتلىرى ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ كىتاب چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا دەرىجىلىك داڭلىق نەشرىيات گۇرۇھى ‹‹سىپرىنگ›› دەرھال خەلق نەشرىياتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىتابنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىنگلىزچە نەشر ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلىشنى تەلەپ قىلغان. رۇسىيە ‹‹شانس›› نەشرىيات گۇرۇھىمۇ بۇ كىتابنىڭ رۇسچە نۇسخىسىنى نەشر قىلىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، رۇسىيەدە نەشر قىلىپ تارقىتىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ. ھازىر بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە، ياپونچە، رۇسچە، ۋىيېتنامچە تۆت خىل يېزىقتىكى نۇسخىسىنى نەشر قىلىشقا ھوقۇق بېرىلگەن.


(تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى