بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7–ئومۇمىي يىغىنىغا مۇزاكىرىگە سۇنۇلىدىغان ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ھەم بۇ ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات›› قاراپ چىقىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 18–كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-ئاينىڭ 18–كۈنى يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7–ئومۇمىي يىغىنىغا مۇزاكىرىگە سۇنۇلىدىغان ‹‹ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى››نىڭ ئارگىنالى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)››نىڭ ئارگىنالى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى››نىڭ ئارگىنالىنى مۇزاكىرە قىلدى، يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ھەم بۇ ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات›› قاراپ چىقىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتىنىڭ ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى–سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)››نىڭ ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچىدە مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئارگىنالىغا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرلەرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ھۆججەتنى ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

 يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ قېتىم پىكىر ئېلىش داۋامىدا جايلار، تارماقلار، تەرەپلەر ۋە پارتىيە 18–، 19–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئارگىنالى ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى››نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئارگىنالىغا نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ–پىكىرلەرنى بەردى، ھەرقايسى تەرەپلەر بەرگەن تەكلىپ–پىكىرلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىگە ماسلاشقان قۇرۇلتاي دوكلاتىنى تىرىشىپ تەييارلاش، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئەمەلىي تەرەققىياتىغا، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، بۇ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىرقى دۇنيا ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك نەزەر سېلىپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە يېڭى تەجرىبىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭى تارىخىي پەللە ۋە يېڭى دەۋر شارائىتىنى چىقىش قىلىپ، ئېلىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتا، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيەنىڭ تۈپ نىزامنامىسى، ئۇ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە نېگىزلىك قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىغا ئىگە. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە ئاساسەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىگە، پارتىيە نىزامنامىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئەمەل قىلىشىغا، پارتىيە نىزامنامىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بېكىتىلىدىغان زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەر پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى تەجرىبىلىرى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە–خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

 يىغىندا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىدا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئۈنۈمى، خىزمەت تەسىراتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 8–ئومۇمىي يىغىنىنى 2017–يىل 10–ئاينىڭ 9–كۈنى ئېچىشقا قوشۇلدى.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە قەيسەر ئىرادىسى ھەم پەزىلىتى بىلەن، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە نۇقسانلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى يېشىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىستىل قۇرۇلۇشىدا نېمىنى تۇتۇش، قانداق تۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پارتىيەنى باشقۇرۇش–ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسىغا ئايلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، پارتىيەگە ئىنتىلىشچانلىقنى كۈچەيتىش، پارتىيە–خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

 يىغىندا مۇنداق قارالدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، پارتىيەمىزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى. ئىستىل قۇرۇلۇشىغا دەل جايىدا كۈچەپ، كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، كىچىك ئارقىلىق چوڭنى كۆرسىتىپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى تاش–تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت، ‹‹مىخ›› روھى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ئىشنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش–ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەرىكىتى بىلەن ئۈنسىز بۇيرۇق بېرىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيە بېرىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئۈلگە بولۇش كېرەك. دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تۇتۇپ، داۋاملىق كۈچەپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى مەركەزلىك ھەل قىلىش كېرەك. ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىپ، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات تەسەۋۋۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق ئىستىلدىكى جاھىل كېسەلنى ساقايتىپ، تۈزۈم–مېخانىزمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىشكە كۈچەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، نازارەت، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


(تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى