بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايمەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى يېزا بازار ئۇچۇرى باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ئالىمجان تۇردى

ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى يېزا بازار ئۇچۇرى باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ئالىمجان تۇردى

    «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسى خىزمىتى ساھەسىدە 27 يىل خىزمەت قىلغان پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ھەم ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىغا، بولۇپمۇ يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا شاھىت بولدۇم.

    «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئۇيغۇر ئاممىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىشقا ئازدۇرۇپ، مىسلىسىز پاجىئە پەيدا قىلىپ، كىشىنى غەزەپلەندۈردى. «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ماجىرا، مىللىي ئۆچمەنلىك تۇغدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا، يەنى بىز تەستە ئېرىشكەن بەختلىك تۇرمۇشقا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى، شۇنىڭدەك شۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ كىشىلەرنى، بىر- بىرلەپ ۋەيران بولغان بەختلىك ئائىلىلەرنى ئويلىسام غەزىپىمنى باسالماي قالىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدەپنە بۇيۇمغا ئايلىنىپ قېلىشىنى كۆرگۈم يوق؛ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان بۇ مۇناپىقلار، جېنىدىن تويغانلارنىڭ مىللىتىمىزنى نابۇت قىلىشىغا يول قويمايمەن. ئۇلار گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ۋەيران قىلىدىغان، ئاممىنى بەختلىك تۇرمۇشتىن مەھرۇم قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش قەستىدە بولغان ئالۋاستىلاردۇر.

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر قېرىنداش باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى، سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى، ۋەتەننىڭ خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

    پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ۋە دۆلەتكە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا يول قويۇشى، ئۆزئارا زوقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ھەر مىللەت خەلقنى قول تۇتۇشۇشقا، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك باشلامچىسى، ئىشقا ئاشۇرغۇچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى تۈپ يىلتىزىدىن قەتئىي يوقىتىپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئىناق، تىنچ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا تىرىشىمەن.

    مەن شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەنكى: ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىشىمىز، تېررورچى- زوراۋان ئۇنسۇرلارنى ئىككىلەنمەي، رەھىم قىلماي پاش قىلىشىمىز ۋە ئۇلارغا رەددىيە بېرىشىمىز، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتچىلىرىگە قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قاتتىق زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئىجتىمائىي ھەققانىيلىق، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ بىر پۇقرا، بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مىللىي مەردانىلىكىمىز.

    پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسى ئالدىدا باشتىن- ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ھەر ۋاقىت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن؛ پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ھايات- ماماتقا مۇناسىۋەتلىك بۇ كۈرەش ئالدىدا ھەرگىزمۇ قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماي، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى قەتئىي پاش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئۈزۈل- كېسىل تارتىپ چىقىرىپ، پاكىز تازىلاپ، ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايمەن.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى