بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 28- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ ھەممىسى بېجىرىلدى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 28- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ ھەممىسى بېجىرىلدى


    مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 28- تۈركۈمدىكى 78 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەممىسى بېجىرىلگەن.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 28- تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 78 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 39 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەتتە پارچىدىن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بەش پارچە، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۈچ پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىككى پارچە، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ بىر پارچىدىن بولغان. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 30 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 20 پارچە، چاڭ- توزانغا چېتىلىدىغىنى 14 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى توققۇز پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى سەككىز پارچىدىن، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى ئۈچ پارچە بولغان.

    ئۇقۇشىمچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئالدىنقى 28 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1878 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1873 پارچىسى بېجىرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 1674 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 199 پارچە بولغان. ئەرزىيەت خەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېجىرىش جەريانىدا 1458 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 432 كارخانىغا مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، جەرىمانە سوممىسى جەمئىي 46 مىليون 225 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ بىر پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 20 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن، ئۈچ كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 146 كىشى سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، 835 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى