بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ قومۇل ۋە تۇرپاندا مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى نازارەت قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، گۈزەل تاغ- دەريالىرىمىزنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ قومۇل ۋە تۇرپاندا مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى نازارەت قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، گۈزەل تاغ- دەريالىرىمىزنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك

    مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ 9- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 99- كۈنىگىچە قومۇل ۋە تۇرپان شەھىرىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراشنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۈزەل تاغ- دەريالىرىمىزنى ياخشى قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىش كېرەك.

   لى جياشياڭ 9- ئاينىڭ 8- كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شىنمىن 2- يولىغا بېرىپ، ئامما ئەرز قىلغان سېمونت سېتىش نۇقتىسىنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسىنىڭ تۈزىتىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يول بۆلىكىدىكى سېمونت سېتىش نۇقتىسى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، سېمونت سېتىش نۇقتىسى ئاھالىلەر رايونىغا يېقىن بولغاچقا، چاڭ- توزان ئەتراپتىكى ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرگەن ھەم تۈزەتكەن. ھازىر بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بۇ ئەرزىيەت خېتى بېجىرىلىپ، يول بويىدىكى سېمونت سېتىش نۇقتىسى كۆچۈرۈلۈپ تازىلانغان ھەم يول كۆكەرتىلگەن.

    لى جياشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇھىت ئاسراش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاممىنىڭ رازى بولۇش- بولماسلىقىنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مۇھىت مەسىلىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، شەھەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ھەقىقىي، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پۇقرالارغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

    قومۇل شەھىرىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 3358 سائەت بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور فوتوۋولت توك چىقىرىش بازىسى. لى جياشياڭ شۇ كۈنى يەنە قومۇل شەھىرىدىكى شىچېڭزى فوتوۋولت كەسىپلەر رايونىغا بېرىپ، كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشى ۋە فوتوۋولت كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، فوتوۋولت، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

   «يەر ئاستى قانىلى» دەپ نام ئالغان كارىز قەدىمىي سۇچىلىق ئەسلىھەسى بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقى، بىراق شەھەر- بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشى ۋە يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، سۇ ئاقىدىغان كارىز يىلدىن يىلغا ئازلاۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇرپان شەھىرى كارىزنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كارىزلارنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. لى جياشياڭ 9- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ، كارىزلارنىڭ سۇ مۇھىتىنى قوغداش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

    شۇ كۈنى لى جياشياڭ يەنە تۇرپان شەھىرىدىكى قۇياش نۇرى مەھەللىسى ئەرزىيەت نۇقتىسىغا بېرىپ، ئەرزىيەتلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم ئىنكاس قىلغان تىرانسىفورموتوردىن چىققان شاۋقۇننى تۈگىتىشنىڭ لايىھەسى توغرىسىدا ئاھالىلەر بىلەن پىكىرلەشتى. لى جياشياڭ بۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ شاۋقۇننى تۈگىتىشتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، ھازىرقى مەسىلىلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئاممىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن جاۋ چۇڭجيۇ، جاڭ يۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى