بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

    f201709111314593076701734

    33- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 33- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 11- سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    چېن چۈەنگو قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كۆرۈشۈش زالىغا كىرىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ۋە ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى.

    ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ۋە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، بەس- بەستە پىكىر- تەكلىپ بەردى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى ئازادە ھەم قىزغىن بولدى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلىق ئالىيجاناب كەسىپ، ھەممە كىشى ئوقۇتقۇچىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار غەربىي شىمالدا يىلتىز تارتىپ، دەرس مۇنبىرىدە تۆھپە قوشۇپ، مېھىر- مۇھەببىتى، بىلىمى، ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تۈركۈملەپ تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئۈمىد كوماندىسى»نى بەرپا قىلغۇچىلاردۇر. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، غايە ۋە ئېتىقادتا قەتئىي بولۇش كېرەك، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەۋرەنمەس ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى پائال تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇش كېرەك، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى بايرىقى روشەن ھالدا كۈرەش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى «5 تونۇش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى، خەلقنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈشكە پائال يېتەكلەش كېرەك. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى «3 ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، بىللە پائالىيەت قىلىدىغان، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ساپا، ئىقتىدارنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، بىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىزچىل تىرىشىپ ئىشلەپ، ئوقۇتۇش مېتۇدىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، كەسىپتە پىشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ئەخلاق- پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇش كېرەك، ئوقۇتۇش ھەم ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئىلىمدە ئۇستاز، ئەخلاق- پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «3 كىرىش، 2 ئالاقىلىشىش، 1 دوستلىشىش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا چىن قەلبىدىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ ۋە چۈشىنىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپنى باشتىن- ئاخىر ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنى پارتىيە باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئۇل خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلارغا چىن دىلىدىن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، بىلىمنى قەدىرلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)


  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى