بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 18- تۈركۈمدىكىئەرزىيەت خېتىنىڭ 68 پارچىسى بېجىرىلدى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 18- تۈركۈمدىكىئەرزىيەت خېتىنىڭ 68 پارچىسى بېجىرىلدى


    مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 77- كۈنىگىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 18- تۈركۈمدىكى 71 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 68ى بېجىرىپ بولۇنغان.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 18- تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 68 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 32 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 10 پارچىدىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ 3 پارچىدىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 2پارچىدىن، خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ بېجىرگىنى 3 پارچە ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 28 پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 20 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 15 پارچە، چاڭ- توزانغا چېتىلىدىغىنى 11 پارچە، سۇ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 8 پارچە، باشقا تۈردىكىلەرگە چېتىلىدىغىنى 5 پارچە ۋە ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچە ئىكەن.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئەمەلىي بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش بولۇپ «مەسئۇلىيەت رايونى»غا بېرىپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىشىگە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلدى، بېسىمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزەتتى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزەتتى، مۇھىت ئاسراشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 18 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1093 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1025ى بېجىرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 942 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 83 پارچە ئىكەن. تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 787، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 258 بولۇپ، جەرىمانە سوممىسى 24 مىليون 715 مىڭ يۈەنگە يەتكەن؛ بىر پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 18 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان، 94 كىشى سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، 599 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى(http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى