بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

f201707311109118976701179

    جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
     سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

   


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىچكى موڭغۇل جۇرىخې، 30- ئىيۇل تېلېگراممىسى. شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

     تومۇزدىكى چەكسىز كەتكەن يايلاقتا ئوتتەك قىزىق جەڭگاھنىڭ جەڭ بۇغىسى چېلىندى. پارات مۇنبىرى ئالدىدا «1927 − 2017» دېگەن خەت ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. پاراتتىن ئۆتىدىغان 12 مىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەر، 600 دىن كۆپرەك ئاپتوموبىل ۋە قورال- جابدۇقلار رەتلىك تىزىلىپ، بەئەينى پولات سەددىچىن سېپىلىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 100 دىن كۆپرەك سوقۇش ئايروپىلانى ئالتە ئايرودۇرۇمدا تولۇق تەييارلىنىپ سەپ بولۇپ تۈزۈلگەنىدى. بۇ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق كاتتا ھەربىي پارات بولۇپ، دالا ئۇرۇشى، ئەمەلىي ئۇرۇش تۈسىنى ئالغان جەڭ مەيدانىغا ئەسكەرلەرنى يىغىشى، شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىيلىققا، ئىنقىلابىيلىققا ئىگە ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى يېپيېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.

     سائەت 9 دا ھەربىي پارات باشلاندى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىردەك دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلىغا چىقىپ، ھەربىي پارات يولىدا ماڭدى. ھەربىي پارات باش قوماندانى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى خەن ۋېيگو پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ تەييار بولغانلىقىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ پاراتنى باشلاش بۇيرۇقى بەردى.

     جۇشقۇن پارات مارشى ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدا بايراق قوغدىغۇچىلار چاسا ئەترىتى، خادىملار ئەترىتى، قورال- ياراغلىق چاسا ئەترەتنى كۆزدىن كەچۈردى. «يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!»، «يولداشلار جاپا تارتتىڭلار!» شى جىنپىڭ پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. «رەئىس ياخشىمۇسىز!»، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!» ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ رەئىسكە جاۋاب قايتۇرغان ياڭراق ئاۋازى كۆكنى لەرزىگە سالدى. شى جىنپىڭ ئولتۇرغان پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلى پارات مۇنبىرىغا قايتىپ كەلگەندە ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بىردەك تەكشى، يۇقىرى ئاۋازدا: «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىمىز، ئىستىلىمىز ياخشى» دەپ قەتئىي تەۋرەنمەس شوئارىنى توۋلىدى.

     ئارمىيە بايرىقى پارتىيە بايرىقىغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، ئارمىيە بايرىقى دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭىدۇ. بايراقنى مۇھاپىزەت قىلىش چاسا ئەترىتىنىڭ ئاستا- ئاستا مېڭىشى بىلەن پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقى 200 دىن كۆپرەك ئوفىتسېر- ئەسكەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى.

     يىراقتىن ئاڭلانغان قاتتىق گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئاستا- ئاستا يېقىنلاپ كەلدى، 41 تىك ئۇچار ئايروپىلان «1- ئاۋغۇست» بەلگىسى ۋە «90» دېگەن رەقەم شەكلىدە پارات مۇنبىرى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، بۇ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ 90 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغانىدى.

     بىرونېۋىكلار سەپ تارتىپ مېڭىپ، سوقۇش ئايروپىلانلىرى غۇيۇلداپ ئۇچۇپ ئۆتمەكتە. 34 يەر يۈزى چاسا ئەترىتى ۋە ھاۋادىكى زاپاس قوشۇن قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش توپى، ئۇچۇرلاشقان جەڭ قىلىش توپى، پەۋقۇلئاددە جەڭ قىلىش توپى، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى جەڭ قىلىش توپى، دېڭىزدا جەڭ قىلىش توپى، ھاۋادا جەڭ قىلىش توپى، ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش توپى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توپى، ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش توپى قاتارلىق توققۇز جەڭ توپى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئۇرۇش قىلىش گۇرۇپپىلىرىغا ئاساسەن، رەت تارتىپ پارات مۇنبىرىدىن ئۆتتى. بۇ قېتىم پاراتتىن ئۆتكەن قورال- جابدۇقلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.

     قىسىملار پاراتتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تېزدىن پارات مۇنبىرى ئالدىغا كېلىپ يىغىلدى. قايتىدىن يىغىلغان قىسىملار خۇددى ئۇيۇل تۆمۈر ئېقىندەك سەپراس بولۇپ تىزىلدى.

     سائەت 10 لار ئەتراپىدا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 90 يىل ئىلگىرى، نەنچاڭ شەھىرىدە تۇنجى ئوق ئاۋازى ياڭراپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى خەلق ئارمىيەسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى. 90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنى كېزىپ، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قانلىق جەڭ قىلىپ، باتۇرلارچە ئىلگىرىلەپ، بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، بېيىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى! بىزنىڭ خەلق ئارمىيەمىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان قەھرىمان قوشۇن، ۋەتەنگە سادىقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان قەھرىمان قوشۇن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمان قوشۇن بولۇشقا مۇناسىپ.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىق خەلقنىڭ بەختى، تىنچلىقنى قوغداش خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتى. جاھان تىنچ ئەمەس، تىنچلىق قوغداشقا موھتاج. بۈگۈن بىز تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا يېقىنلىشىۋاتىمىز، تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشقا موھتاج بولۇۋاتىمىز. بىز پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىزنىڭ بۇ قەھرىمان خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادىكى ئىلغار ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

     شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە قەيەرگە باشلىسا، شۇ يەرگە بېرىش؛ جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك تۈپ ئاساسىي مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەر قاچان خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەڭگۈ خەلق ئەسكىرى بولۇش؛ جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دىققەت نۇقتىسىنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان سەر خىل ۋە كۈچلۈك قوشۇن بولۇپ تاۋلىنىش؛ ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ چىقىش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوشۇننى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ قەھرىمان ئارمىيەمىزنىڭ بارلىق تاجاۋۇزچى دۈشمەننى مەغلۇپ قىلالايدىغان ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار! بىزنىڭ قەھرىمان ئارمىيەمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىياتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار! بىزنىڭ قەھرىمان ئارمىيەمىزنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئىككى «100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشقۇسى!

     شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققا سوزۇلغان گۈلدۈراس ئالقىش ساداسىنى ياڭراتتى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ پاراتقا رىياسەتچىلىك قىلدى.


    (مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى