بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى سەپىرىگە ئاتلىنىش − نەنچاڭ قوزغىلىڭى، كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى پارتلىغانلىقى ۋە جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى سەپىرىگە ئاتلىنىش

− نەنچاڭ قوزغىلىڭى، كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى پارتلىغانلىقى ۋە جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن


    1927- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنى نەنچاڭدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى پاي ئوقى ئېتىلدى؛ 9- ئاينىڭ 9- كۈنى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى تۇنجى قېتىم كومپارتىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى؛ 10- ئاينىڭ 27- كۈنى ماۋ زېدۇڭ ئەسكەرلەرنى باشلاپ جىڭگاڭشەندىكى سىپىڭغا بېرىپ، تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇردى.

    بۇ 88 كۈن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن مۇھىم بۇرۇلۇش.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 90 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز، مىللىتىمىز ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە غەيرەتكە كېلىپ، ئازاب- ئوقۇبەتلەر ئىچىدە شانلىق نەتىجە يارىتىپ، مىسلىسىز زور تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، قەد كۆتۈرۈشتىن بېيىش، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

      ئادالەت يولى ئەگرى- توقاي بولىدۇ −

    90 يىلدىن بۇيان «يېزا ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش» ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىنى ئېچىشقىچە بولغان جەرياندا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى

    «يول مەسىلىسى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى ھالاك بولۇشىغا، غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 1- مەسىلە، يول − پارتىيەنىڭ ھاياتى.»

− شى جىنىپڭ

    2017- يىل 7- ئاينىڭ 30- كۈنى جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدىكى ھەربىي كۆرەكتە، 10 مىڭدىن ئارتۇق كوماندىر- جەڭچى ھەيۋەتلىك تاغدەك كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

    خەلق ئارمىيەسى باسقان يولنى ئەسلىسەك، تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.

    1927- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تاڭ سەھەردە قوزغىلاڭچى قوشۇن «تاغ- دەريالارنى بىرلىككە كەلتۈرەيلى» دېگەننى پارول قىلىپ، 4 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا نەنچاڭنى ساقلاۋاتقان دۈشمەننى تولۇق يوقاتتى.

    بىر سىياسىي پارتىيە شۇنىڭدىن باشلاپ قورال كۈچىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىپ، جاپالىق ۋە شانلىق كۈرەش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.

    − جۇڭگو يولىدا مېڭىشتا چوقۇم ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يول ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

        يولنى «تېپىش» ۋە يول ئۈستىدە «ئىزدىنىش» ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئورتاق بۇرچى.

    نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىنكى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە شەھەرلەردە قوزغالغان 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئىسيان ۋە قوزغىلاڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

    كۈزلۈك يىغىم قوزغىلاڭچىلىرى چاڭشاغا يۈرۈش قىلىۋاتقاندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، قوشۇن پۈتۈنلەي يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

       ئىنقىلاب يولىنىڭ باش- ئايىغى نەدە؟

    جىڭگاڭشەنگە يۈرۈش قىلىش كېرەك! ماۋ زېدۇڭ ۋەزىيەتنى توغرا كۆزىتىپ، «يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    جىڭگاڭشەن ئىنقىلابنىڭ بۆشۈكىگە ئايلاندى. كىشىلەر بۇ ھەقتە ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىنقىلابى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ماۋ زېدۇڭنىڭ جىڭگاڭشەندىكى ھۆكۈمىگە ئاساسەن خۇنەن، جياڭشى چېگراسىدىن رۈيجىن مەركىزىي سوۋېت رايونىغا، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيادىن شىبەيپوغا، ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن.

    «1- ئاۋغۇست» قوزغىلىڭى باش قوماندانلىق ئىشتابىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان نەنچاڭ شەھەر ئەتراپىدا بىر چىغىر يول بولۇپ، «شياۋپىڭ چىغىر يولى» دەپ ئاتىلىدۇ.

    مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە دېڭ شياۋپىڭ جياڭشىغا چۈشۈرۈۋېتىلدى، ئۇ دائىم مۇشۇ چىغىر يولدا ماڭغاچ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا ئويلىناتتى.

    «شياۋپىڭ چىغىر يولى»دىكى ئويلىنىشتىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگىچە جۇڭگو ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى.

    «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۆزىگە خاس يولدا مېڭىشى كېرەك. بىز <تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈپ>، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىلەش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق».

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىغا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك تارىخىي ئۆزگىرىشنى نەقىشلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    − جۇڭگو يولىدا مېڭىشتا چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

    كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىدىن كېيىن، قوشۇن سەنۋەن كەنتىگە بارغاندا 5000 نەچچە ئادەمدىن قېپقالغىنى 1000غىمۇ يەتمەيتتى.

    بۇ يەردە ماۋ زېدۇڭ ليەندە ياچېيكا قۇرۇپ، پارتىيە ۋەكىلى تەسىس قىلىشنى جاكارلىدى.

    ئەينى يىللاردا ليەندە پارتىيە ۋەكىلى بولغان، كېيىن جۇمھۇرىيەتنىڭ مارشالى بولغان لو رۇڭخۇەن مۇنداق دېدى: «ئەگەر مۇشۇنداق قىلمىغاندا، قىزىل ئارمىيە كۈچلۈك دۈشمەن تەرىپىدىن يوقىتىلمىغان تەقدىردىمۇ، باندىتلارغا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى».

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016- يىلى 2- ئايدا جىڭگاڭشەندىكى شېنشەن كەنتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

    «سىز يارايدىكەنسىز!» دېدى شۇ كەنتتىكى 75 ياشلىق دېھقان پېڭ شۈيشېڭ باش شۇجىغا باشمالتىقىنى چىقىرىپ.

    بۇ، خەلقنىڭ بىر پارتىيەگە چىن دىلىدىن بەرگەن باھاسى؛ بۇ، بىر پارتىيەنىڭ خەلق قەلبىدىكى چوڭقۇر ئىزناسى.

    − جۇڭگو يولىدا مېڭىشتا چوقۇم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دادىللىق بىلەن يېڭلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مەڭگۈ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    كۆزەتكۈچى تۈزۈمى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىندى. كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغىنى شۇكى، ئەينى چاغدىكى جىڭگاڭشەندە بۇ تۈزۈم ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى.

    ماۋ زېدۇڭ ۋەكىللىكىدىكى كوممۇنىستلار خۇددى ئەڭ بالدۇر ئويغانغان ئۇرۇق سالغۇچىلارغا ئوخشاش كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇنى پەرۋىش قىلىپ بىخ سۈرگۈزدى.

    «يول بېسىپ كەلسەم يىراقتىن شۇ قەدىناس جايغا مەن، ئۆزگىرىپتۇ يېڭى تۈس ئېلىپ بۇ جەننەت ماكان». بۈگۈنكى جۇڭگو مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ سەپىرىگە ئاتلاندى.

    ئۇلۇغۋار ئىرادە ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش −

    90 يىلدىن بۇيان سانسىزلىغان كوممۇنىست ئېتىقاد ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەقىدىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، «ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان قەھرىمانلىق داستانىنى پۈتتى

    «يۈكسەك غايە، قەتئىي ئىشەنچ − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك سىياسىي خىسلىتى.»

− شى جىنپىڭ


    ئېتىقاد ئېگىلمەس- سۇنماس كۈچ، سانسىزلىغان كوممۇنىست مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ، ھارماي- تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدى.

    لۇ دېمىڭ، كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىنىڭ باش قوماندانى، قۇربان بولغاندا 22 ياش ئىدى؛

    جاڭ زىچىڭ، قىزىل 4- ئارمىيە 11- شىسىنىڭ شىجاڭى، قۇربان بولغاندا 28 ياش ئىدى؛

    ۋاڭ ئېرجو، قىزىل 4- ئارمىيەنىڭ سەنمۇجاڭى، قۇربان بولغاندا 25 ياش ئىدى؛

    ۋۇ يۆئې، پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، قۇربان بولغاندا 18 ياش ئىدى؛

……

    جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ تەزىيە زالىغا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى ئويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئىسمى «ياشلىق».

    2 يىل 4 ئايغا سوزۇلغان جىڭگاڭشەن كۈرىشىدە 48 مىڭغا يېقىن قەھرىمان قۇربان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 60قا يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

    بۇ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە ساداقەتمەنلىك ۋە ئېتىقاد ئۇرۇقى چېچىلدى.

    جىڭگاڭشەن ھەيكەللەر باغچىسىدا بىر ئايال قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ھەيكىلى بار.

    بۇ ۋۇ رولەننىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ۋۇ رولەن جۇ دېنىڭ جىڭگاڭشەندىكى ھەمراھى ئىدى.

    1929- يىلى ھامىلىدار ۋۇ رولەن قولغا ئېلىندى. ئۇ دۈشمەننىڭ قىيىن- قىستاقلىرى ئالدىدا: مەن تىز پۈككەندە قۇياش غەربتىن چىقىدۇ، گەنجاڭ دەرياسى تەتۈر ئاقىدۇ، دېدى.

    26 ياشلىق ۋۇ رولەننىڭ قۇربان بولۇشى جۇ دېنى بىر ئۆمۈر ئازابلىدى.

    جىڭگاڭشەن روھى، سوۋېت رايونى روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى… ئېتىقاد بۇ يەردە ئۆزئارا تومۇرداش.

    بۇ يىل 6- ئايدا شيۇشۈ ناھىيەسىدە پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر يېغىپ، خاڭكۇ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى كۇاڭ مېيجيەن، مۇئاۋىن بازار باشلىقى دېڭ شۈ ۋە ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى چېڭ فۇياۋ ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا كەلكۈندە ئېقىپ كېتىپ، «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمىزنى پىدا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمىز» دېگەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ھاياتى بەدىلىگە ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

    كۈرەشتە قۇربان بېرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. 2013- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە 120 نەچچە كومپارتىيە ئەزاسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەڭگاھىدا قۇربان بولدى…

    جىڭگاڭشەن شياۋجىڭدىكى بىر قەبرە تېشىغا: روھى جىڭگاڭشەنگە قايتتى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى زېڭ جى، دېگەن خەت ئويۇلغانىدى.

    زېڭ جى ئىنقىلاب ئۈچۈن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈچ ئوغلىنى باشقىلارغا بېرىۋېتىپ، يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىش ئازابىنى تارتقان. ئۇلار كۆپ يىلدىن كېيىن قايتا جەم بولغاندا، «چوڭ ئەمەلدار» بولۇپ قالغان ئانا شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، بالىلىرىنى داۋاملىق دېھقانچىلىققا سالغان…

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشكىچە … 4 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلاتى، 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

    ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش −

    90 يىلدىن بۇيان «پومېشچىكلارغا زەربە بېرىپ، يەرلەرنى بۆلۈپ بېرىش»تىن «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»قىچە، يەنە «خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»قىچە، كوممۇنىستلارنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەسلىي مەقسىتى باشتىن- ئاخىر نامايان قىلىندى

    «خەلقنىڭ مەيدانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى.»

− شى جىنپىڭ


    باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016- يىلى جىڭگاڭشەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە سەككىز بۇرجەك بىنادىكى «شېندې» قىرائەتخانىسىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق دېگەنلىك خەلققە بولغان ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلاش دېگەنلىك −

    جىڭگاڭشەندىكى «ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، ئالتە دىققەت» تىن ماۋ زېدۇڭنىڭ يەنئەندىكى مەزگىلدە «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» ناملىق نۇتقىنى ئېلان قىلىشىغىچە، يەنە شى جىنپىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغىچە، كوممۇنىستىلارنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلقنى كۆڭۈل تۆرىگە قويىدىغان سىياسىي ھېسسىياتى تەسىرلىك شەرھلەندى.

    بۇ يىل 2- ئايدا جىڭگاڭشەن شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، 4000دىن ئارتۇق نامرات ئاھالە يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويدى.

    ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق دېگەنلىك مىليونلىغان خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش دېگەنلىكتۇر −

    1928- يىل 8- ئايدا دۈشمەن جىڭگاڭشەنگە بېسىپ كىردى. دېھقانلار قولىغا نەيزە- قىلىچلارنى ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، خۇاڭياڭجيېنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

    ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق دېگەنلىك خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر −

    ھازىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئېھتىياجدا كۆپ خىللىشىش، كۆپ قاتلاملىشىش، كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇش ئالاھىلىدىكى گەۋدىلەندى.

    كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى باشلانغان جاي پىڭشياڭ ئىلگىرى «جەنۇبىي جۇڭگونىڭ كۆمۈر ماكانى» ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بايلىقى خوراپ تۈگىدى. پىڭشياڭ تىپىنى ئۆزگەرتىۋاتقان مەزگىلدە ئالاھىدە چوڭ كۆمۈركان بايقالدى.

    قېزىش كېرەكمۇ ياكى قازماسلىق كېرەكمۇ؟

    قازغاندا تۈگىمەس مالىيە كىرىمىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، لېكىن ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن.

    پىڭشياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شياۋباۋ مۇنداق دېدى: بىز يېشىل تەرەققىياتنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويساق بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخنىكا تېخىمۇ ئىلغارلاشقاندا ئاندىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىمىز.

    ھازىرقى جياڭشىدا مۆجىزە يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان قىزىل روھ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى پۇرسەت ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە.

    ھازىرقى جۇڭگودا ھەممە كىشى ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش، كىشىلىك قىممىتىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولماقتا؛

     ھازىرقى جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتى؛

  ھازىرقى جۇڭگودا مۇشۇ قىزىل تۇپراقتا تۇغۇلغان ئىنقىلابىي قۇربان فاڭ جىمىن يازغان «سۆيۈملۈك جۇڭگو»دا تەسۋىرلەنگەندەك، ھەممە يەردە جانلىق ئىجادىيەت، ھەممە يەردە كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات بارلىققا كەلمەكتە…

   ھازىر زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەڭ ئېگىز چوققىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بايراقچىدەك، مىليونلىغان خەلقنى ئۇلۇغ ئارزۇنى نىشانلاپ يېڭى سەپەرگە يېتەكلىمەكتە. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى روھىي ھالەت ۋە كۈرەش ھالىتىمىز بىلەن جۇڭگوچە سوتسيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، غەلىبەسېرى ئىلگىرىلەيلى!


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى