بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى، ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى

شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى، ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 4- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 9- ئاينىڭ 44- كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە زىياپەت بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى، ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

    سېنتەبىردىكى شيامېندا مەيىن دېڭىز شامىلى چىقىپ، ھەممە يەردە بۈك- باراقسان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىن كېلىدىغان ئەزىز دوستلارنى كۈتۈۋاتاتتى.

  كەچ سائەت 6 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى كەينى- كەينىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ، تىنچ- ئامانلىق سوراشتى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى گۇلاڭيۈ» ناملىق رەسىمنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    زىياپەت زالىدا چىراغلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، زال ئەزىز مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى. شادىيانە قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەت زالىغا كىردى.

    شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شيامېن ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان، تاشقى ئالاقىسى قويۇق بولغان زامانىۋىلاشقان، خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەر، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش كۆزنىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش تۇپرىقى. بۈگۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت باشلىقلىرى شيامېنغا جەم بولۇپ، ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىپ، سېھرىي كۈچكە ئىگە بۇ شەھەردە قىزغىن سۆھبەتلەرنى قىلغۇسى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۇلۇغ، ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك خەلققە؛ نامراتلىق، قالاقلىقتىن قۇتۇلۇپ، خەلقنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش گۈزەل ئارزۇسىغا؛ ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئېرىشىپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن بەھرىلىنىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش روھىغا ئىگە. ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، ئورتاق ئارزۇ- ئىستەك بىزنى ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندۇردى. گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە ئورتاق كۈرەش قىلىپ، بىر- بىرىمىزنى ھىمايە قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىسەكلا، «سېرىق توپىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش»تەك مۆجىزىلەرنى كۆپلەپ يارىتىپ، خەلقىمىزنى كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولغان ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيمىز.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەتە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا تەرەققىيات، ھەمكارلىق چوڭ پىلانى ئۈستىدە كېڭىشىمىز. شيامېن ئۇچرىشىشىنىڭ يېڭى ھەمكارلىق دەرۋازىسى ۋە تەرەققىيات دەرۋازىسىنى ئېچىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى كۈتۈۋېلىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن زىياپەتتىن كېيىن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە، مىننەن تىياتىرخانىسىغا بېرىپ، «كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش» باش تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى