بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9- قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى، دەپ تەكىتلىدى

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9- قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى، دەپ تەكىتلىدى

f201709061329148256701677

   كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9- قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.  


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 4- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9- قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9- ئاينىڭ 44- كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. 5 دۆلەت رەھبىرى «كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان كېسەك ئالتۇن روھىنى تەكىتلەپ، بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات خەرىتىسىنى پىلانلىدى، يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى كەينى- كەينىدىن يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەم بىرمۇ بىر كۆرۈشتى، ئاخىرىدا كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    شى جىنپىڭ چوڭ دائىرىلىك يىغىندا «كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىللىق شانلىق مۇساپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى بەرپا قىلىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى ئارقىلىق 5 دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشنى تەكىتلىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىش؛ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارا ھەققانىيلىق، ئادىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، باشقا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىرلىكتە ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش ئاچقۇچ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. بىز يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، ئىقتىسادتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچىشىمىز كېرەك. سودىغا مەبلەغ سېلىش، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە مەنپەئەت جۇغلانما نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتنى بىرلىكتە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ساھەسى، يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئالاقە رىشتىنى چىڭىتىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئىككىنچى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشقا كۈچىشىمىز كېرەك. بايلىق، بازار، ئەمگەك كۈچى جەھەتلەردىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەرەققىيات سىياسىتى ۋە ئەۋزەل ساھەدە بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش بازىرى، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت ئۈنۈمىنىڭ ماس بىرلىكىنى كۆزلەپ، ھەمتۈرتكىلىك، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئۈچىنچى، خەلقئارا تەرتىپنى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچىشىمىز كېرەك. جەزمەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭكەش، تەڭ پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

    تۆتىنچى، ئادىمىيەت، ئەلئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچىشىمىز كېرەك. ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئىدىيەسىنى خەلق قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. بۇ يىل 5 دۆلەت ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ دائىملىشىشى، مېخانىزملىشىشىنى، ئاساسىي قاتلامغىچە چوڭقۇرلىشىپ، ئاممىغا يۈزلىنىپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان جانلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن 10 يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى كۆزلىگەن 10 يىل، شۇنداقلا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرغان 10 يىل بولدى. كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە 10 يىل پەقەت باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ شيامېندىن يەنە بىر قېتىم يەلكەن تارتىپ سەپەرگە ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى ئارقىلىق 5 دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىمىز، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

    زۇما مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كېسەك ئالتۇن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. كېلەر يىلى جەنۇبىي ئافرىقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، كېيىنكى نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    تېمېر مۇنداق دېدى: بىز 5 دۆلەت كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك سېلىنمىنى زورايتىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، 5 دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشىمىز كېرەك. خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى ياخشىلاپ، ياخشى تاشقى مۇھىت بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

    پۇتىن مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىغدۇرۇشچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

    مودى مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك.

    ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى شيامېن ئۇچرىشىشىغا ئاكتىپ باھا بەردى، ئۇلار ئۇچرىشىشتا ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك نەتىجىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى. ئۇچرىشىشقا قاتناشقان باشلىقلار جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېلەر يىلىدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    5 دۆلەت رەھبىرى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كىچىك دائىرىلىك يىغىندا، 2017- يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا بولسۇن ياكى ئۆز تەرەققىياتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتقاندا بولسۇن چوقۇم ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك؛ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىركەشمەسلىكىمىز كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن تەرەققىيات ئۆزئارا بىر- بىرىگە تايىنىدۇ. بىز سىياسىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە مەيدانىمىزنى داۋاملىق ماسلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتلەردۇر، ئۇلار خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىغا رىئايە قىلىشى، ئىككىنچى، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، ب د ت نىڭ تىنچلىقنى قوغداش، تىنچلىقنى بەرپا قىلىش، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشنىڭ ئاساسىي يولىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يېڭى 10 يىلدا كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، تېخىمۇ قويۇق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇچرىشىشتا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ شيامېن خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.


f201709061329405476701678

    كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9- قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.


f201709061329569146701679

    كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9- قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. 

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى