بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت قارىمىدىكى دوختۇرخانىلاردا دورا باھاسىغا پىرسەنت قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت قارىمىدىكى دوختۇرخانىلاردا دورا باھاسىغا پىرسەنت قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

4437e68d893a1b11d11714

 ئۆز خەۋىرىمىز: ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى 31-ئاۋغۇست سائەت 22:00 دىن باشلاپ دورا باھاسىغا پىرسەنت قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

 مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 30-ئاۋغۇست چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى 31-ئاۋغۇست سائەت 22:00 دىن باشلاپ دورا باھاسىغا پىرسەنت قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن. بۇ قېتىم دورا باھاسىغا پىرسەنت قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، دۆلەت كارخانىسى دوختۇرخانىلىرى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق (باشقۇرۇشىدىكى) دوختۇرخانىلار، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى شۆبە دوختۇرخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىي قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىمىغا قاراشلىق شىنجاڭدىكى دوختۇرخانىلار ھەمدە ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋالىدىغان، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن جامائەت باشقۇرۇشىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشنى ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلغانلىرى دورا باھاسىغا پىرسەنت قوشۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلىدىكەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر پېڭ يۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ تولۇقلىمىسى مۇلازىمەت ھەققى، دورا باھاسىغا پىرسەنت قوشۇش ۋە ھۆكۈمەت ياردىمىدىن ئىبارەت ئۈچ يول ئارقىلىق كەلگەن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن مۇلازىمەت ھەققى ۋە ھۆكۈمەت ياردىمىدىن ئىبارەت ئىككىلا يول ئارقىلىق كېلىدىكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالاش تۈرى، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تۈرىنىڭ باھاسى ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى بىلەن ماس قەدەمدە تەڭشىلىپ، تەڭ يولغا قويۇلىدىكەن.


(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى