بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم كادىرنىڭ يۈرەك سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى شەكېن ئوڭئالباي

بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم كادىرنىڭ يۈرەك سۆزى

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى شەكېن ئوڭئالباي

    

    كونا جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ، قىزىلبايراق ئاستىدا چوڭ بولغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر كونا جەمئىيەت بىلەن يېڭى جەمئىيەتنى باشتىن كەچۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ بارلىق تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىگە باشتىن- ئاخىر قەتئىي ئىشىنىپ كەلدىم.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، بۇلغانغان ھاۋا ئارقىلىق پاكىز ئاسمىنىمىزنى بۇلغاشقا ئۇرۇنۇپ، كىشىلەرنى قاتتىق نەپرەتلەندۈردى. بۈگۈنكى جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ، ئاسايىشلىق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ ئارقا تىرەك بولغانلىقى، مۇشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان 56 مىللەتنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

    بەزىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ تىنچ، ئاسايىشلىق تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاسمىنىمىزنى قارا بۇلۇتنىڭ قاپلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

    ئەمەلىيەتتە، جان- جەھلى بىلەن بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر خەلقنى ئازاب- ئوقۇبەتكە، بەختسىزلىككە دۇچار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئالدىنىپ كەتكەن ئاشۇ كىشىلەر قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارنىڭ سۇيىقەستىنى تونۇپ يەتمەي، خاتالىشىپ بىدئەتلىك يولىغا ماڭدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىشقا قۇتراتقانلار «ئەگەر بىر مۇسۇلمان كاپىرلارغا ھۇجۇم قىلىش يولىدا ئۆلسە، قەھرىمان بولىدۇ، جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى تەرغىب قىلدى. بەزىلەر بۇ ياغلىما سۆزلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن، ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.

    ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا، مۇئەللىمدىن «پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ، غەلىتىلىك ھېس قىلغانىدىم، مەلۇم بىر نەشر بۇيۇمىدىن «پانتۈركىزم − ئەكسىيەتچىلەرنىڭ غالچىسى» دېگەن ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن «پانتۈركىزم» دېگەن بۇ ئۇقۇمدىن بىزار بولۇپ قالدىم. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، «پانتۈركىزم»نىڭ «بۈيۈك تۈركىزم» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدىغانلىقىنى، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ ناھايىتى ئەكسىيەتچىل ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق چۈشەندىم. «پانئىسلامىزم» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەت ۋە ئېتىقادچىلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەت ۋە ئېتىقادچىلارنى چەتكە قاقىدىغانلىقىنى، «پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم» ئىدىيەسىنىڭ ئەزەلدىنلا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارنىڭ رەزىل ئىدىيەۋى قورالى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

    «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان- تېررورچى كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر»دىن ئىبارەت بۇ «ئۈچ خىل كۈچ» يىلتىزداش، مەنبەداش زەھەرلىك ئوت، ئۇلار يەككە- يېگانە ئەمەس، ئۇلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ئىدىيەۋى ئاساس، «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك»نى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ يولى ۋە ۋاسىتىسى قىلغان. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ توپان بالاسىنىڭ مەنبەسى زادى نەدە؟ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ نەزەرىيە ئاساسى زادى نەدىن كەلگەن؟ ھازىر بۇنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر قازىدىغان پەيت كەلدى.

    «ئۈچ خىل كۈچ» باشقا دىنلارغا زەربە بەرگەندىن سىرت، يەنە يامان غەرەز بىلەن دائىم زىددىيەت پەيدا قىلدى، ھەتتا قانلىق توقۇنۇش پەيدا قىلدى. ھازىرقى دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بەزى دۆلەتلەردە قان تۆكۈلۈش، ئادەم ئۆلۈش يەنە داۋاملىشىپ، جەمئىيەت داۋالغۇپ، خەلق خاتىرجەم كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئىسلام دىنىنىڭ مەنپەئىتى دېگىنى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن پەيدا قىلغان ئالدامچىلىق، بىر مەيدان غايەت زور سىياسىي سۇيىقەست. دۆلەت كادىرى، كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم.

    بىز ھەر مىللەت ئاممىغا ئۇلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى، يەنە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇنى قانۇننىڭ قوغدايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. دىنىي پائالىيەتلەر جەزمەن قانۇن يول قويغان دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىشى، قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك.

    بۆلگۈنچىلەر ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن دىننى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قەتئىي زەربە بېرىش داۋامىدا، بىز دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئاممىنى پائال ئويغىتىشىمىز كېرەك، بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، بىز ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتى. خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىسىدا توغرا ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراش تۇرغۇزۇشىمىز، بولۇپمۇ كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدىغان ياشلارغا بولغان ماتېرىيالىزملىق ئىدىيە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

    ئادەمنىڭ ئىدىيەسى قاتمال بولمايدۇ، بەلكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام: 7 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ، بوۋامنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن چوڭلار بىلەن بىرلىكتە قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ يادلاشقا باشلىغان ئىدىم. كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلىدە بۇنداق تەربىيە ئالغان بولساممۇ، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەندە ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. بۇنداق ئۆزگىرىش ئەڭ دەسلەپتە داڭلىق پەيلاسوپ ئەي سىچىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تارىخىي ئەسىرىنى ئوقۇشتىن باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەن قېتىرقىنىپ كىتاب ئوقۇپ، بىلىم ئېلىپ، ئۆزۈمنىڭ مەنىۋى دۇنيايىمنى بېيىتتىم. ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك قارىشىمدىمۇ ئاكتىپ ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى، 15- 16 ياشقا كىرگەن ۋاقىتلىرىمدا، كۆڭلۈمدە بىر ئارزۇ، يەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئارزۇسى پەيدا بولدى.

    تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن كىچىك ئۆزگىرىشلەر ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئارزۇيۇم بارغانسېرى كۈچەيدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە مۇھىم سەۋەب مېنى ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەيسەر بىر ئەزاسى بولۇشۇمنى بەلگىلىدى. 1- سەۋەب: دادام مۇقامەش 1940- يىلىلا جەمئىيەتكە چىقىپ، ئازادلىقتىن كېيىن كومپارتىيەگە كىرگەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان. دادام 1957- يىلىدىن 1965- يىلىغىچە، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان، ئۇ ئاغرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئىش ئورنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىغان. دادامنىڭ كۈچلۈك تەسىرى مېنى توغرا يولغا يېتەكلىدى؛ 2- سەۋەب: ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە، ئېغىر ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بولۇپ قالدىم، بۇ چاغدا مەكتەپ مېنى دەرھال دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ، ھەقسىز داۋالاتتى، ئۇدا نەچچە يىل داۋالانغان مەزگىلدە، دوختۇر ۋە سېسترالار مەندەك بىر قازاق ياشقا چەكسىز غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆز ئىنىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك داۋالىشى ۋە ھالىمدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى نەتىجىسىدە، كېسىلىم كونترول قىلىنىپ، سالامەتلىكىم تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. پارتىيە ماڭا 2- قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلدى، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالغان دوختۇر، سېستىرالار ماڭا ياشاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى؛ 3- سەۋەب: سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن، مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەم ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس ئىدى، ئەمما مەكتەپ پارتىيە تەشكىلى مېنى كۈچەپ تەربىيەلىدى. ئاخىرىدا مەن 1961- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ھارپىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ، كۆپ يىللىق ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم، ئىنستىتۇت مېنى ماركسىزم- لېنىنىزم كافېدراسىغا ئوقۇتقۇچىلىققا بەلگىلىدى. شۇنىڭدىن بۇيان كۆڭلۈمدە پۈتۈن زېھنىم بىلەن تەشكىلگە، جەمئىيەتكە، ئىلگىرى ماڭا خالىس ياردەم قىلغان كىشىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىرادە قىلدىم.

    مەن قازاق مىللىتىدىن، مەن مىللىتىمنى قىزغىن سۆيىمەن، قازاق مىللىتىنىڭ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنىلا قوغداشنى بىلىدىغان تار مەنىدىكى «مىللىي قەھرىمان» بولۇشنى خالىمايمەن. ماركس گەرچە يەھۇدىي بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىجاد قىلغان ماركسىزم ئىدىيەسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتتى. مېنىڭ ئۇنداق چوڭ تالانتىم يوق، ئەمما مەن ماركسىزمچى، قەلبىم ئىشەنچ بىلەن تولغان، مەن ئازغىنە كۈچۈم ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپەمنى قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

    ئاخىرىدا، شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىر، 56 يىللىق پارتىيە ئەزاسىلىق ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ئىنژېنېرى، دەپ ئاتىلىدىغان يازغۇچىلاردىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاخىرقى ئۆمرۈمنى بۇ ئۇلۇغ دەۋرگە ئاتاپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتلىنىمەن!


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى