بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 14- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 70 پارچىسى بېجىرىلدى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 14- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 70 پارچىسى بېجىرىلدى

    مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 14- تۈركۈمدىكى 72 پارچە (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەرزىيەت خېتىنىڭ 70 پارچىسى بېجىرىلىپ بولغان.

    14- تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 70 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 37 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچىدىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 6 پارچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 3 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2 پارچىدىن، قاراماي شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 1 پارچىدىن ئىكەن، بۇنىڭدىن سىرت، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئورتاق بېجىرىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېرا تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 25 پارچە، شاۋقۇن تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 23 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇق تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 13 پارچە، بۇس تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 12 پارچە، چاڭ- توزان تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، سۇ بۇلغىنىش تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 5 پارچە، ئېكولوگىيە تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە ۋە باشقا تۈردىكىلەرگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە ئىكەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، تۈزىتىش نىشانى، سۈرۈكى، تەدبىرى، تەلىپى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا ئالدىنقى 14 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 768 پارچە ئەرزىيەت خېتىدىن 718 پارچىسى بېجىرىلىپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 659 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 59 پارچە ئىكەن، تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى دەلىللەنگەن ھەم بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 659 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئارىسىدا تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 565، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 211 بولۇپ، جەرىمانە سوممىسى 21 مىليون 635 مىڭ 100 يۈەنگە يەتكەن؛ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەنگىنى 1 پارچە بولغان، 17 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان، 75 كىشى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە كېلىشىپ قويۇلغان، 499 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى