بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىغا تۆت مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىغا تۆت مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1- سىنتەبىر تېلېگراممىسى. شىنجاڭدىكى چەت، يىراق، تاغلىق ۋە قۇملۇق رايونلاردا ياشاۋاتقان 80 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇس بۇ يىل پۈتۈنلەي باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە يېڭى تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا بۇ يىل نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىغا تۆت مىليارد 172 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇلغان.

   شىنجاڭ يۆلەش- ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، باش دىرېكتور ۋاڭ جياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىغا يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون 2017- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ «13- بەش يىل»دىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىماقچى، دېمەك 2017- يىللىق خىزمەتلەر تاماملانغاندىن باشقا، يەنە 2018- يىلىدىكى خىزمەتلەرمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىلىدۇ.

    ئاپتونوم رايوننىڭ «13- بەش يىل»دىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، 2018- يىلى شىنجاڭ تۇپرىقى ئۈنۈمسىز رايونلاردا ياشاۋاتقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 110 مىڭ نامراتنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمىنى 50 − 80 كىۋادرات مېتىرغىچە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش، قولايلىق قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك قاتارلىق ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مائارىپ، داۋالىنىش، مەدەنىيەت قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئاساسەن يۈرۈشلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

  بۇلتۇر شىنجاڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 26 مىڭ 100 نامرات نوپۇسنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. بۇ يىل شىنجاڭ قېپقالغان 83 مىڭ 900 كىشىنى ياشاش شارائىتى ناچار رايوندىن باشقا جايغا كۆچۈرىدۇ.

    شىنجاڭ يۆلەش- ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ بۇ يىل نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى بەش مىليارد 11 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز خامچوتىدىكى 839 مىليون يۈەن مەبلەغدىن باشقا مەبلەغنىڭ %80 تىن كۆپرەكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىغا يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىغان مەبلەغدىن چىقىرىلىدۇ. يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىغان بۇ مەبلەغلەر ئاساسلىقى يەرلىكنىڭ زايوم مەبلىغى، مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغى ۋە ئۆسۈمى تولۇقلاپ بېرىلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2016- يىلىدىن باشلاپ، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ يۆلەش- ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى شىنجاڭدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ شىركەتنى ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن بىرتۇتاش قەرز پۇل بېرىش، مەبلەغنى باشقۇرۇش، يىغىپ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنمىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش سۇپىسىدىن تارتىپ، ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ قوبۇل قىلىش سۇپىلىرىغىچە، قۇرۇلۇش مەبلىغىگە مەخسۇس ھېساب ئېچىپ ئامانەت قويۇش، مېمورىيال ھېسابات قىلىش، فىزىكىلىق ئايرىۋېتىش، بېكىنمە ھالەتتە ئايلاندۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.

    ھازىرغىچە شىنجاڭ يۆلەش- ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2017- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈر مەبلىغىنى ئىشلىتىش كېلىشىمىدىن 62نى ئىمزالاپ، 32 ناھىيە(شەھەر)گە 62 قېتىم مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ئاجرىتىلغان مەبلەغ بىر مىليارد 769 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زايومى 600 مىليون يۈەن، مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغى 269 مىليون يۈەن، ئۆسۈمى تولۇقلاپ بېرىلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش مەبلىغىنى ئاجرىتىش ۋەزىپىسى %42.4 ئورۇندالدى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى