بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تيەنجىندە داغدۇغىلىق باشلاندى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تيەنجىندە داغدۇغىلىق باشلاندى

شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

f201708281642114796701566

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچ تيەنجىن شەھىرىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 27- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچ تيەنجىن شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

    8- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچ تيەنجىن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدىكى رەڭگارەڭ چىراغلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ، ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرگەن، مەيدان قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى، گۈمبۈرلىگەن دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يەتكەن بولۇپ، پۈتكۈل مەيدان قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

    سائەت 19 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ قاتارلىقلار شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول پۇلاڭلىتىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. پۈتكۈل مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىدى.

    سائەت 20 دە 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى. جۇشقۇن، يېقىملىق «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن مېلودىيەنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قوغداپ ماڭغان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى سالماق قەدەم تاشلاپ تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. نەق مەيداندا «تەنھەرىكەتچىلەر مارشى» مۇزىكىسى قويۇلدى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ۋە 100 بايراقچىدىن تەشكىللەنگەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بايراقچىلار چاسا ئەترىتى، رېپىر ۋەكىللىرى چاسا ئەترىتى رەئىس سەھنىسى تەرەپكە قاراپ كەلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا 38 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى كەلدى، ئۇلار ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئازادلىق ئارمىيە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە 3 كەسپىي تەنتەربىيە جەمئىيىتىدىن كەلگەن. مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى بىلەن تەنھەرىكەتچىلەرنى قارشى ئالدى.

    مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، لەرزان لەپىلدىدى.

    تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شەھەردىكى 16 مىليون خەلققە ۋاكالىتەن مېھمانلار، بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، رېپىرلارنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

    13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خې جۇڭۋېن ئېچىلىش مۇراسىمى نۇتقى سۆزلەپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان تيەنجىن شەھىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقان خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

    سائەت 20 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىشى بىلەن پۈتكۈل مەيدان قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، چاۋاك ۋە ئالقىش ئاۋازى ئۈزۈلمىدى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ناخشىسىنىڭ مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ۋە 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى.

    تەنھەرىكەتچى ۋېي چيۇيۆ، تىرېنېر شۈ گويى، رېپىر لى جىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، رېپىرلارغا ۋاكالىتەن قەسەم بەردى.

    «ئوخشاش كۆك ئاسمان ئاستىدا، ئوخشاش ئارزۇ ئۈچۈن ئاتلاندۇق، ئوخشاش مۇنبەت تۇپراققا، شەرەپ ۋە ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچىمىز…». 4 ناخشىچى نەق مەيداندا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ناخشىسى «شەرەپ ۋە ئارزۇ»نى ئورۇنلاپ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە كۆرگەزمىسى «ئارزۇ ئۈچۈن سەپەر»نىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. پۈتۈن ئويۇن «100 يىللىق چاقىرىق»، «ساغلام جۇڭگو»، «كەلگۈسىگە باشلاش»تىن ئىبارەت 3 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپ ۋاسىتىلىك تېخنىكا ۋە ئاۋاز، فوتو ئېلېكتىر ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ساغلام جۇڭگو» باش تېمىسىنى جانلىق شەرھلەپ، «ئومۇمىي خەلق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە دىللارنى ھاياجانغا سالغان مەيداندا مەشئەل يەتكۈزۈش ۋە ئاساسىي مەشئەلگە ئوت يېقىش مۇراسىمى باشلاندى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ تيەنجىن شەھىرىدە 16 مەمۇرىي رايونغا داۋاملىق يەتكۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا تيەنجىندىكى ئولىمپىك مەركىزىي تەنتەربىيە مەيدانىغا يەتكۈزۈلدى. تيەنجىن شەھىرىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن شيې پىڭپىڭ، كوماندىنى يېتەكلەپ 10 نەچچە قېتىم مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولغان تيەنجىن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ۋاڭ باۋچۈەن، 200 نەچچە قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلغان لى يەنچى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار جۇدو تۈرىدە چېمپىيون بولغان تۇڭ ۋېن، كۆپ قېتىم ئاسما ھالقا تۈرى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى بولغان چېن يىبىڭدىن ئىبارەت 5 مەشئەلچى ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزدى، ئاخىرىدا بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى «تيەنجىن قونچىقى» بىلەن ماشىنا ئادەم يۇ يۇ بىرلىكتە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئىلىنى تۇتاشتۇردى.

    «گۈللىنىش ئوتى بارچە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يېلىنجاتتى، مۇقەددەس پەيتتە بىز سىلەر بىلەن بىللە…» سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى «ساغلاملىق كەلگۈسىنى يارىتىدۇ» دېگەن باش تېما ناخشىسى قوزغىغان قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

     ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، شۈ چىلياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ چېن، لۇ جەنگۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

   خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ، خەلقئارا ئولىمپىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاسىيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى شاھزادە ئەھمەد ۋە 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە كەلگەن چەت ئەللىك مېھمانلارمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    ئېچىلىش مۇراسىمىغا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دۇڭفېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

    13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. كېيىنكى 12 كۈندە 8000 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ماھارەت مۇسابىقە تۈرىگە، 300دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىدۇ.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى