بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مۇھىت تىرىشىپ ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەللەشتى

    گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. سانائەت تاشلاندۇقلىرى، كۆمۈر داشقىلى، ئەخلەت… ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدا بۇلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قاتتىق تاشلاندۇقتىن بۇلغىنىش مەسىلىسىگە قارىتا تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

    ئەخلەت پونكىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خەلق خاتىرجەم بولدى

    ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ بېيجىڭ يولى «شىنجىنيۈەن» ئولتۇراق رايونىدىكى 75 ياشلىق فۇ سەييىڭ 8- ئاينىڭ 23- كۈنى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن تېز بىر تەرەپ قىلدى، ئالاقىدار تارماقلار نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، يېرىم سائەتكە قالمايلا چوڭ ئاپتوموبىللار كېلىپ، ئەخلەت پونكىتىدىكى ئەخلەتنى ئېلىپ كەتتى.

    ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) 8- ئاينىڭ 15- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتى، يەنى بېيجىڭ جەنۇبىي يولى «فۇرۈندې» سودا سارىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى «جىنيۈەن مىڭجۈ» ئولتۇراق رايونى 2- نومۇرلۇق بىنانىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ھويلىدا چوڭ تىپتىكى ئەخلەت پونكىتى بارلىقى، بۇ جايدا چاڭ- توزان، غەلىتە پۇراق بارلىقى ھەم ھەر كۈنى سەھەر سائەت 6دىن 10غىچە ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شاۋقۇنىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە دەم ئېلىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

    ئۈرۈمچى شەھىرى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان شۇ كۈنى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايون(يېڭىشەھەر رايونى)لۇق شەھەر مەمۇرىيىتى، شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، بېيجىڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنى قانۇن ئىجرا قىلىش بىرلەشمە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئەخلەت پونكىتىغا بېرىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇدى، يۇقىرىقى ئورۇنلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، ئەخلەتنىڭ مۇھىتنى بۇلغاپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكى، ئامما ئىنكاس قىلغان ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلىدى. بېيجىڭ يولى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى «جۇڭيىڭگۇڭ» مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى چۈش سائەت 13:30دا قانۇن ئىجرا قىلىش بىرلەشمە ئەترىتى ئەخلەت پونكىتىنى تاقاشنى، كېيىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا تەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا، 3 ئاي ئىچىدە باشقا جايغا ئەخلەت پونكىتى قۇرۇش ھەم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇشۇنداق مەسىلىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى قارار قىلدى.

    بىز نەق مەيداندا بۇ ئەخلەت پونكىتىدىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەخلەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇ يەردىكى قۇرۇق ساندۇقلارنى تەرتىپلىك يۆتكەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

    جاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئەخلەت پونكىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 2 يىل بولدى، ئاساسلىقى بېيجىڭ يولى ئەتراپىدىكى بىر قانچە كوچىنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئەخلەت پونكىتىغا ئەڭ يېقىن بولغان «شىنجىنيۈەن» ئولتۇراق رايونى ۋە «جىنيۈەن مىڭجۈ» ئولتۇراق رايونىدا 400 دىن كۆپرەك ئاھالە تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. 8- ئاينىڭ 15- كۈنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشلاپ 4 كۈن ئىچىدە ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىللىرى 80 توننىدىن كۆپرەك ئەخلەتنى توشۇدى، ئەخلەت يۆتكىگەن كۈنى «جۇڭيىڭگۇڭ» مەھەللىسىدىكى خىزمەتچىلەر بۇ ئەخلەت پونكىتىغا ئەڭ يېقىن بىر قانچە بىناغا بېرىپ ئەلرايىنى ئىگىلىدى، ئاھالىلەر بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىن ناھايىتى رازى بولدى. بىز ئاھالىلەرگە ئەخلەت پاك- پاكىز يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن، ھويلىغا ئەخلەت دۆۋىلەپ قويىدىغان ئىشنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەردۇق.

    كارخانىلار دەرھال تۈزەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ رازىمەنلىكى ئاشتى

    غۇلجا شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن «غۇلجا شەھىرىنىڭ توغراق يېزىسى 1- كەنتىدىكى <شياڭشىن> قۇشچىلىقى چىقارغان توخۇ مايىقى باقمىچىلىق مەيدانىدا دۆۋىلىنىپ كەتتى، بۇنىڭدىن چىققان سېسىق پۇراق ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى» دېگەن ئەرزىيەت خېتى مەسىلىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئامما ئىنكاس قىلغان مۇھىت مەسىلىسىنى دەرھال تەكشۈرۈپ، تېز تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى ئاشۇردى.

    8- ئاينىڭ 22- كۈنى غۇلجا «شياڭشىن» قۇشچىلىقىنىڭ شۆبە شىركىتى − غۇلجا شەھەرلىك «تيەنلى» بىيو ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىلگىرى قۇرۇتۇش مەيدانىغا دۆۋىلەپ قويغان 500 توننا توخۇ مايىقىنىڭ چوڭ لاپاسنىڭ ئىچىگە مەركەزلىك دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقى، ئىشچىلارنىڭ بوراندىن، يامغۇردىن، توزاندىن، ئېقىپ كېتىشتىن، تېشىغا يېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت «بەش ساقلىنىش» بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەرە كېپىكى، شاخ- شۇمبا ئۇۋىقى ۋە سولياۋ رەخت ئارقىلىق خىزمەت رايونىدا يېپىق لاپاس ياساپ، غەيرىي پۇراق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەتنىڭ 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان قۇرۇتۇش مەيدانىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى، ئاپتوموبىللارنىڭ توختىماي مەيداننى يۇيۇپ تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى زاۋۇتتىن چىققان توخۇ مايىقىنى ۋاقتىدا زاۋۇت رايونىدىن سىرتقا توشۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر «شياڭشىن» قۇشچىلىقىنىڭ توخۇ مايىقىدىن چىققان غەيرىي پۇراقتىن كېلىپ چىققان مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتى دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

    غۇلجا شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىت تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى ۋېي مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ توخۇ مايىقىنى ئۆز جايىدا قۇرۇتۇشى ئىلگىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن مۇھىت باھالاش مەزمۇنىغا ئۇيغۇن بولماي، قانۇنغا خىلاپ بولۇپ قالغان، تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ مەسىلىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ، مۇھىت ئاسراش قانۇن تەرتىپى بويىچە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.

    ئىگىلىشىمىزچە، بۇ كارخانا مۇھىت تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە يەنە پاتقاق گازى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ۋاقىتلىق ساقلانغان توخۇ مايىقىنى پاتقاق گازى ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئاپىرىپ پىششىقلاپ، ئۈنۈملۈك پايدىلانماقچى بولۇۋېتىپتۇ.

    غۇلجا شەھەرلىك «تيەنلى» بىيو ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى مو ۋەنچىڭ مۇنداق دېدى: بىز مۇھىت ئاسراش قانۇنىدىكى تەلەپلەر بويىچە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈزىتىش تۈرلىرىنى بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاتقاق گازى ئارقىلىق توك چىقىرىش ھالقىسىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمىز.

    غۇلجا شەھىرىنىڭ توغراق يېزىسى 1- كەنتىدىكى ۋۇ جيەنشىن مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ياشاۋاتقىنىمغا 10 نەچچە يىل بولدى، ئىلگىرى سېسىق پۇراق دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، چىۋىنمۇ كۆپ ئىدى. يېقىنقى مەزگىلدە تۈزىتىش ئارقىلىق چىۋىن ئازايدى، سېسىق پۇراقمۇ يوقىدى. دېرىزىنى ئېچىپ قويۇپ خاتىرجەم ئۇخلايدىغان، تاماق ئېتەلەيدىغان بولدۇق.

   كۆمۈر داشقاللىرى تازىلاندى، تۇرمۇش مۇھىتىمىز گۈزەللەشتى

    قاراماي شەھىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(جەرەنبۇلاق رايونى) «جىنلۇڭ» بازىرىدىكى گو يۈنچى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى كۆمۈر داشقاللىرىنىڭ تازىلانغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن رازى بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىزگە چوڭ ياخشى ئىش قىلىپ بەردى! بۇرۇن بۇ يەردە چاڭ- توزان ئۇچۇپ تۇراتتى، بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر بۇرنىنى ئىتىۋالاتتى، ھازىر مەسىلە ھەل بولدى، بىز مۇھىتنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئالقىشلايمىز.

    ئىگىلىشىمىزچە، قاراماي شەھىرىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(جەرەنبۇلاق رايونى) 8- ئاينىڭ 14- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەرزىيەت خېتىنىڭ مەزمۇنى «جىنلۇڭ» بازىرىدىكى دۆلەت ئېلېكتىر گۇرۇھى شىركىتى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كەينى (قاراماي «لۇفېڭ» سودا- سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى)گە دۆۋىلەنگەن كۆمۈر داشقاللىرىنىڭ خېلى ئېغىر چاڭ- توزان پەيدا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئىدى.

    قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نەق مەيدانغا بېرىپ ماسلاشتۇرۇپ ھەيدەكچىلىك قىلدى. نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايون(جەرەنبۇلاق رايونى)لۇق مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بۇ شىركەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا قارىتا مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزەشكە بۇيرۇدى ھەم 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايون(جەرەنبۇلاق رايونى)لۇق مۇھىت ئاسراش بىخەتەرلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لۈ شياڭسېن قاتارلىق 3 كىشىنى سۆھبەتلىشىشكە چاقىرتتى ھەم ئۇلارنى چوڭقۇر يازما تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يېزىشقا بۇيرۇدى.

    بۇ شىركەت ئوچۇقچىلىققا كۆمۈر دۆۋىلەپ قويۇپ مۇھىت بۇلغاش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا يېڭىدىن كۆلىمى 120 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان بىر زاپاس ساقلاش ئامبىرى سېلىشنى پىلانلىدى. بۇ شىركەت قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىدە كۆمۈر داشقاللىرىنىڭ بىر قىسمىنى تازىلىدى، تازىلاش جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى مۇۋاپىق بولمىغاچقا، چاڭ- توزان پەيدا بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(جەرەنبۇلاق رايونى)دىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلىنى سۆھبەتلىشىشكە چاقىرتتى ھەم بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان 24 سائەت ئىچىدە، نەق مەيداننى ئاساسىي جەھەتتىن تۈزىتىپ بولدى.

    يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(جەرەنبۇلاق رايونى)نىڭ ئاھالىسى سۈن بىڭ كۆمۈر داشقاللىرىنىڭ تازىلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: چاڭ- توزان تۈگىدى، ھاۋا ساپلاشتى، كۆڭلىمىز ئازادە بولدى!

    كېيىنكى قەدەمدە، جەرەنبۇلاق رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نەق مەيداننى تۈزەشنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى ۋاقتىدا سۇ سېپىپ چاڭ- توزاننى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ تۈرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كېرەكسىز ماتېرىياللار ئامبىرىنى ئۆلچەم بويىچە سېلىپ، ئوچۇقچىلىققا كۆمۈر داشقاللىرىنى دۆۋىلەپ قويۇش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىشىنى چەكلەيدۇ.


(شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى