بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇردى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇردى

    گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار يېقىندا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەخسۇس تېما پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى: ھەر مىللەت ئاياللارنى پارتىيەنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيمىز

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار 8- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس تېما يىغىنى ئېچىپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە قەتئىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس كۈلەش ئابدۇللا قاتارلىق ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرىنىڭ يەتتە ۋەكىلى يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاتتىق ئەيىبلەپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى قەسىمى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بۇ يىل 3- ئاينىڭ 7- كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللارغا «ھەر مىللەت ئاچا- سىڭىللار ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايلى» دېگەن تەشەببۇسنامىنى چىقارغاندىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئايال كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، يېزا ئاياللار قۇرۇلتىيى مۇدىرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئون قېتىم تەشكىللەپ، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭراتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھەر قايسى ياچېيكىلىرى ئالدىنقى بىر مەزگىللىك دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش خىزمەت نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي تۈزەپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ھەقىقىي پاكلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

    يەكەن ناھىيەسىدە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

    يەكەن ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ 12 مۇقام مەيدانىدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

    ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بەس- بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرس مۇنبىرىنى ياخشى ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن سالاھىيىتىمىزنى ئاشكارىلاپ، پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، ئۇلۇغ كوممۇنىستىك پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ خىزمەت ئورنىدا، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى بايرىقىمىز روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز؛ ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

    يەكەن ناھىيەلىك 6- «قوش تىل» يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۈبھىنۇر ئوبۇل مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چىرىتىشىدىن يىراق تۇرغۇزۇپ، بالىلارنىڭ ياخشى ئىدىيە ئۆگەتكۈچىسى، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ياخشى تارقاتقۇچىسى بولۇپ، ھەر بىر بالىنى پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا ئۆسۈپ يېتىلدۈرىمەن.

    يەكەن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەمەتجان ئەلى مۇنداق دېدى: «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى