بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شۆھرەت زاكىر دۆلەت توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

شۆھرەت زاكىر دۆلەت توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

    مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 8- ئاينىڭ 21- كۈنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ دۇڭ باشچىلىقىدىكى دۆلەت توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

    شۆھرەت زاكىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتكە سىڭىشىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇشىغا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق. شىنجاڭ 2014- يىلى «توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىلانىنى يولغا قويغاندىن بويان، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى سېلىنمىسى داۋاملىق ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىدىكى يارقىن نۇقتا ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرى شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئۇزاققىچە مۇقىم قىلىپ، شۇ ئارقىلىق كارخانىلارنى يەنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرۈشىنى، كەسىپلەر نەتىجىلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بالدۇرراق يېتىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ۋاڭ دۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىدە كۆرۈلگەن دەسلەپكى ۋەزىيەت كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، كەسىپ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، «3 شەھەر، 7 رايون، 1 مەركەز» نۇقتا قىلىنغان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىدە سۈپەت، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى، شۇنداقلا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق جەلپ قىلىشتىن كەسىپلەر توپلانغان يۇقىرى پەللىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى